يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ----- سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھەققىدە ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چڭو ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگەردانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلىدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . كېيىن دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن . سەئىدخان ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلىغان ھەمدە ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكۈزگەن . تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ياخشى ئۇستازى بولغان . سەئىدخان ئۇنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن شەرق ۋە غەرپكە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ، ئۆز ئىنىسى ئامان سۇلتاننىڭ ئاقسۇدىكى توپىلىڭىنى تىنچىتىش ئۇرۇشىغا ھەمدە ئاقسۇنى ئىدارە قىلىش ئىشىغا ئەۋەتكەن . 1533 - يىلى سەئىدخان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ يەكەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ خاقان بولغاندىن كېيىن بىرمۇنچە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ، ئامانلىقىنى جان تىكىپ قوغدىغان . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان : بىرىنچى ، ھەربىي ئوردا ئىچى سىرتىدىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى قەتلى قىلىپ ، يېڭى قائىدە - تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىققان . بۇرۇنقى مۇغۇلىستان خانلىقى ھەم يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تايانچىسى بولغان دوغلات قەبىلىسىنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالغان . گەرچە بۇ ۋەقە يەكەن خانلىقىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بەزى زىيالىلارنى كەلتۈرەەن بولسىمۇ ، لېكىن دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ بەزى بۆلگۈنچىلىك ئىشلىرىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن . ئىككىنچى ، تىنچلىق توختىمىنى بۇزۇپ ، ئاقسۇ ۋە ئۇنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلغان تاغىسى مەنسۇرخانغا قاتتىق زەربە بەرگەن . مەنسۇرخان مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنگەن . لېكىن ، 1538 - يىلى مەنسۇرخان يەكەن خانلىقىغا قارشى يەنە ئۇرۇش قوزغىغان . ئابدۇرەشىدخان ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقتە تاكى گەنسۇنىڭ جيا يۈ گۇەن قوۋۇقىغىچە بولغان بارلىق زېمىنلارنى يەكەن خانلىقىغا قوشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى ساھىدخاننى بۇ جايلارغا سۇلتان قىلىپ تەيىنلىگەن . بۇنىڭ بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن . ئۈچىنچى ، يەكەن خانلىقىنىڭ بىۋاستە باشقۇرىشىنى ۋە ھامىيلىقىدىكى رايونلاردا توپىلاڭلارنى تىنجىتقان . مەسىلەن ، 1538 - يىلى يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ھەق نەزەرخاننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرغان . شۇ يىلى يەنە مەنسۇرخان ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا ، باش ئەمىر مىرزا ئەلى تاغاي باشلىق بەزى ئەمىرلەر توپىلاڭغا تەييارلانغان . ئابدۇرەشىدخان بۇ ھەرىكەتنىمۇ قانلىق بېسىقتۇرغان . تۆتىنچى ، جەمىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ بىرمۇنچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئاھالە كۆچۈرۈپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ، قول- ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىسلام دىنىي مەزھەپلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرىسىگە يول قويۇشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن . نەتىجىدە خانلىقتا بىر مەھەل نىسبەتەن تىنچ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ، جەمىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان " ئالتۇن دەۋر " ى بارلىققا كەلگەن . |














