قانۇن چىقارغاندا ئەلرايى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
ۋاقتى: 15-07-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: D.A.Oghlan تەھرىر: D.A.Oghlan كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تۆۋەنگە چۈشكەندە پىكىر ئاڭلاش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، قانۇن چىقىرىش، سىياسەت بەلگىلەشنىڭ ئاشكارىلىقىنى تە
15 – ئىيۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى كىشىلەردىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە پىكىر ئېلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلەنگەن پىكىرلەردىن قارىغاندا، ئەلنىڭ پىكرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى، ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ساداسى، تۈرلۈك مەنپەئەت تەلپۈنۈشلىرىدە زور ئوخشىماسلىقلار كۆرۈلگەن.
بۇ يالغۇز شەخسلەر تاپاۋەت بېجىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى تۈزۈش خىزمىتىدىكى قىيىنچىلىقلا ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ھەرقانداق قانۇن، سىياسەتلەرنىڭ ھەممىگە باب كېلىشى ناتايىن. قانداق قىلغاندا ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى ئەڭ زور دەرىجىدە قولغا كەلتۈرۈپ، ھەممە تەرەپنىڭ مەنپەئىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، پىكىرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشتىن سىرت يەنە پىكىرنى ئاڭلاشقا ماھىر بولۇش، يەنى ئەلرايىنى ئەقلىي، ئوبيېكتىپ ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان ئاممىۋى سىياسەت چىقىرىش ئاساسىنى بايقاش ۋە پەرق ئېتىش كېرەك.
پىكىر ئاڭلاشقا ماھىر بولۇش ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئىنتېرنېت تورى دەۋرىدە، توردىكى پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، تور سىرتىدىكى پىكىر ئاۋازلىرىدىن خەۋەرسىز قېلىشتىنمۇ ساقلىنىش كېرەك. بۇ جەھەتتە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ. مەيلى قانۇن ياكى سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىشتە بولسۇن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، خەلق پىكرىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇشى كېرەك.
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تۆۋەنگە چۈشكەندە پىكىر ئاڭلاش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، قانۇن چىقىرىش، سىياسەت بەلگىلەشنىڭ ئاشكارىلىقىنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك. بىر قانۇننىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش، قانۇن چىقىرىش تەرتىپىگە كىرگۈزۈش، لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇش، پىكىر ئېلىش، قاراپ چىقىپ ماقۇللاش قاتارلىق بىر قانچە تەرتىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ جەرياندا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىرلىشىپ، ئاممىغا سىياسەت بەلگىلەش جەريانىنى، ئاممىۋى سىياسەتلەرنى بەلگىلەشتە ئومۇمىيەت مەنپەئەتى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە، بۇ قانۇن چىقارغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك – تۈمەن مەنپەئەت تەلەپلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلام ئاممىسىنىڭ بۇ باراۋەرلىك نەتىجىسىنى چۈشىنىشىگىمۇ پايدىلىق.
‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن
|
------分隔线----------------------------