ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : بىزگە قوشۇلۇڭ | پارول ئۇنتۇلغان| ساقلىۋېلىڭ | باش بەت قىلىۋېلىڭ

رەسىـمـلـەر ئــارامـگـاھ ئـــەدەبىيات ساغـلامـلىق كــومپىيۇتېر ئـــۇچــۇرلار خــەۋەرلـــەر مـــۇنـبـەر بـــاش بــەت
پـىـسخـىكـا مــەدەنىيەت تارىخ ئىلمى مــەسلىھەت ئىـگـىلـىـك جــەمئىيەت قانۇنچىلىق ئــاۋازلـىـق چـولـپـانلار
بىز ھەققىدە ئـۇلـىنىـش دەرىـسـخـانا چـۈشـۈرۈش ئــىـزدەش ئـىزدىنـىـش پـىكـىرخـانا تـور دۇكىنى مـەھـەلـلــە

ئىزدىنىش تور خاتىرىسى | ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى | مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى | تورداشلار زىيارىتى | مەخسۇس سەھىپىلەر | ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى | مەبلەغ سىلىش
ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش مەشىقى مۇنبەر تېمىلىرىنى بىزەش رەسىمى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ـــ تونۇش كۈندىلىك خاتىرە | مىكـرو بىلـوگ
ئوغلان تورى مىكروبىلوگى ، ئەگىشىۋىلىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى دەيدىغۇ ھەمكارلىق ئېلان ئورنى ئىلتىماس قىلىڭ ئوغلان سىتۇدىيسى تاۋباۋ ماگىزىنى
باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > پىسخىكا >

مۇھەببەت كوچىسىغا كىرسەڭ

ۋاقتى: 17-07-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: D.A.Oghlan تەھرىر: D.A.Oghlan كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
ئىنسانچىلىقتا ھېسسىيات گويا ئوتقا ئوخشايدۇ. ئاۋۋال «گۈر» قىلىپ يانىدۇ. بارا-بارا پەسىيىدۇ. ئېسىڭدە بولسۇنكى، ھەر بىر كۈن ھېكىم، مېغى

مۇھەببەت كوچىسىغا كىرسەڭ
ئىنسانچىلىقتا ھېسسىيات گويا ئوتقا ئوخشايدۇ. ئاۋۋال «گۈر» قىلىپ يانىدۇ. بارا-بارا پەسىيىدۇ. ئېسىڭدە بولسۇنكى، ھەر بىر كۈن ھېكىم، مېغىزىنى مېغىزغا، پۇچىكىنى پۇچەككە ئاجرىتىپ بېرىدۇ.      

    ھېسسىيات بورىنى تىنچىغاندا تەپەككۇرۇڭ بىلەن ئوبدان كېڭەش. ئاشۇ ياقتۇرغىنىڭنى ھەرخىل ۋەزىيەتلەردە كۆزەت، باشقىلارغا سېلىشتۇر. يادىڭدا قالسۇنكى، ياقتۇرۇش ساناقسىز بولۇشى مۇمكىن. ئون بەشىڭدە بىراۋ، ئون ئالتىڭدە باشقىسى، ئون يەتتىڭدە يەنە بىرى يۈرىكىڭگە ئىز سالسا، ئۆزۈڭنى بىتەلەيلىكتە ئەيىبلىمە. چۈنكى، بۇ تېخى مۇھەببەت ئەمەس. بۇ ياقتۇرۇش ، خالاس. دىلىڭدا بۇنداق ياقتۇرۇشتىن يىگىرمىسى كەچسىمۇ مەيلى، ئەيىب ئەمەس. ئەمما، ھەرگىز تىلىڭغا چىقارما. ئاھلىرىڭنى تۆكمە! ئون سەككىز يېشىڭغىچە ئاغزىڭنى مەھكەم يۇمۇپ يېتىۋالساڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈڭنى باشقۇرىدىغان بولۇپ قالىسەن. كۆڭلى چۇشكەنلىكى كىشى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كېتىش ــــ بۇ ھاۋايى نەپسىدۇر. ئۇ بار جايدا مۇھەببەت بولماس! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، نەپسىڭگە ئىخلاس قويۇپ، جەننەتتىن قوغلانغان ئادەم ئاتا قىسمىتىنى ھەمىشە يادىڭدا تۇت. ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋائىي « بەش شىرنىڭ ۋەھىمىسى نېمە ئۇ، ئۇنى يېڭىش ھېچ گەپ ئەمەس. ئەمما نەپىس ئىتى ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋە زىيانلىقراقتۇر. سەن ئاشۇنى يېڭىشنى بىل! شۇندىلا شىجائەتلىك سانىلىسەن» دېگەندۇر.   

    ياقتۇرۇش بىلەن مۇھەببەتنى پەرقلەندۈرۈشنى بىل. مۇھەببەت بىر بولىدۇ ۋە كىشىنىڭ جىسمىدا بېسىپ بولماس دولقۇن پەيدا قىلىدۇ. بىراۋنى ياقتۇردۇڭ دەيلى، شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۆزۈڭ ئۆزۈڭدىن كۆڭلۈڭ تولماي قالىدۇ. بىردىن جەمئىي ئەيىبىڭ يۈزگە چىقىدۇ-دە، قاتتىق ئۇيىلىشقا چۈشىسەن. بىلگىنكى، بۇ، مۇھەببەت! ھەممە خاتايىڭنى ئۇ قىز كۆرۈپ تۇرغانغا ئوخشاش، جان ئاچچىقىڭدا ئوڭشىلىش زۆرۈرىيىتىنى سېزىسەن. شۇ، مۇھەببەت! ئىشلىرىڭدا، ئوقۇشلىرىڭدا، ئۆيدىكى لازىمەتلىكلىرىڭدە ئەۋزەللىك، سەرەمجانلىق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. بۇ ئاشۇ قۇتلۇق ئىشقتۇر! بۇنداق پاكلىنىشلار مۇھەببەتنىڭ قەدەملىرىدۇر !     

    ئۇ ساڭا خۇش كەلسۇن، مۇبارەك كەلسۇن، ئوغلانىم! مۇھەببەت كۆڭۈل مۈلكىدۇر. كۆڭۈل قويغان ئادىمىنى مەن بىلەن قال دېيەلمىگەن ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېتەلمەيدىغانلار نەپىسكە بېرىلگەنلەردۇر. يۈرەككە ئىشىق چۈشۈشنىڭ ئۆزى چوڭ بەخت!  سەن ئەمدى ھېچقاچان يالغۇز قالمايسەن. دائىم باغرىڭنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا سەن بىلەن شېرىن سۆھبەت قۇرىدىغان دەرددىشىڭ، مەھرەمى جان ــ مۇھەببەت بار! ئۇ ھەمىشە سېنى نازارەت قىلىدۇ. ھەمىشە ئۇنىڭغا ھېسسىيات بېرىسەن. ئۇنىڭغا مۇناسىپ بولۇشقا بىر ئۆمۈر ئۇرۇنۇپ ئۆتىسەن. ئۇ بىراۋنى سېغىنىش، بىراۋ  ئۈچۈن ئەفغان چېكىش، يىغلاشمۇ، ھەتتا ئارىلىقمۇ ھاياتىڭنى تولدۇرۇپ تۇرىدىغان پۈتۈنلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
    ھەقىقىي مۇھەببەتكە يولۇققان كىشى سۆيگىنىگە ھەمىشە ياخشىلىقلارنى تىلەپ، ئۇنىڭ تەرىپلىرىنى يۈرىكىنىڭ ئاسمانلىرىغا كۆرۈرۈپ ياشايدۇ.
    ھەقىقىي ئاشىق يارىغا سەن مېنىڭكى بولۇشۇڭ شەرت دېمەيدۇ، ساڭامۇناسىپ بولۇشقا ماڭا يول بولسۇن، دەپ ئۆزىنى تۇپراق بىلەن تەڭ قويىدۇ.

ياخشىكەن
(5)
83.3%
ناچاركەن
(1)
16.7%
------分隔线----------------------------
  • ئالدىنقىسى : مۇشۇ ئەڭ ئالدىنقىسى
  • كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سەھىپىلەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
D.A.Oghlan تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: ئالىي ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 15:03 15-03-2011 كىرگەن ۋاقتى: 10:11 04-11-2011
تەۋسىيەلەر