مۇبارەكنى دارغا ئېسىش كېرەكمۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلە زور تالاش-تا
ۋاقتى: 09-01-2012 مەنبە: 未知 ئاپتورى: xaydayi تەھرىر: xaydayi كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
مۇبارەكنى دارغا ئېسىش كېرەكمۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلە زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى
مۇبارەكنى دارغا ئېسىش كېرەكمۇ يوق؟ - مىسىر تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ 5-يانۋاردىكى بۇ تەلىپى مىسىر ئاممىسى ئارىسىدا زور تالاش تارتىش پەيدا قىلدى شۇنداقلا دۇنيانى ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ قاتتىق قول ئەربابنىڭ تەقدىرىدىن ھەسرەتلەندۈردى. گەرچە ئاخىردا ھۆكۈم ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ لېكىن مۇبارەك دارغا ئېسىلىشى مۇمكىن دېگەن خەۋەر بەزى مىسىرلىقلارنى ھاياجانغا سالدى. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بەزىلەر قاھىرەدىكى ئازادلىق مەيدانىدا مۇبارەكنى دارغا ئاسىدىغان مۇۋاپىق جاينى ھازىرلاپ قويدى. مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى مۇبارەككە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ئوچۇق ئاشكارا قارشى تۇردى. ئۇ: گەرچە مۇبارەكنىڭ بەزى قىلمىشى تەنقىدلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ لېكىن ئۇ 30 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش داۋامىدا مىسىر ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى، ھاقارەت تۈسىنى ئالغان مۇشۇنداق ئۆلۈم جازاسى بېرىش مۇبارەككە نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك بولىدۇ دېدى.
5-يانۋاردىكى سوت ناھايىتى تىنچ بولدى. ئوتتۇرا شەرق تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مۇبارەكنى سوتلىغاندا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا جېدەللىشىدىغان ئىش يۈز بەرمىدى، ئەتراپىدا قاراپ تۇرىدىغانلارمۇ ناھايىتى ئاز بولدى، سوت ئېچىلغان ئورۇن ساقچى ئۇنىۋېرسىتېتى سىرتىدىكى مەيداندا ئون نەچچىلا ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى تەرتىپ ساقلاۋاتقان ساقچىلارنىڭكىگە يەتمەيتتى. قاھىرەدە 5-يانۋار تۇمان بولغاچقا، خەلقئارا داۋالاش مەركىزىگە بېرىپ مۇبارەكنى ئېلىپ كېلىدىغان تىك ئۇچارمۇ نائىلاج ئۇچۇش ۋاقتىنى ئەسلىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن ئۈچ سائەت كېچىكتۈردى. ساقچى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، مۇبارەك چوڭ تۆمۈر قەپەزدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوراقنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇبارەكنىڭ ئىككى ئوغلى ھەمدە مۇبارەكنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ۋە ئۇنىڭ ئالتە ياردەمچىسىمۇ قەپەزدە ئىدى.
سوت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تەپتىش ئەمەلدارى مۇستاپا سۇلايماننىڭ مۇبارەكنى دارغا ئېسىش تەلىپى ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۆلتۈرۋېتىلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بەس بەستە: مۇستاپانىڭ سۆزى ئادىللىقنىڭ ساداسى، مۇبارەكنى دارغا ئاسقاندىلا ئاندىن مىسىر جەمئىيىتى ئادىل ۋە ھەققانى بولىدۇ دېيىشتى. لېكىن مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى: مۇبارەكنى دارغا ئېسىش ئادالەتسىزلىك، بۇ سابىق رەھبەرگە ھاقارەت قىلغانلىق دەپ قارىدى. نۇرغۇن كىشى مۇستاپانى: «سىياسىي نەزەر بىلەن دېلونى بىر تەرەپ قىلدى» دەپ ئەيىپلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى مىسىردا كەڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى، نۇرغۇن ئامما مۇبارەكنى تېزدىن سوتلاپ قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە خەۋەرلەر تور بېكىتىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مۇبارەكنى دارغا ئېسىش مىسىرنى ھاياجانغا سالدى. نۇرغۇن مىسىرلىقلار مۇبارەكگە يېنىك جازا بېرىشكە بولمايدۇ چوقۇم ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك، يېنىك جازا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نارازىلىق ۋە مالىمانچىلىقىنىپەيدا قىلىدۇ دەپ قارىدى. مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى لوندوندا نەشردىن چىقىدىغان ئەرەبچە «تۇرمۇش» گېزىتىدىكى ماقالىسىدا مۇبارەكنى دارغا ئېسىشقا ئوچۇق ئاشكارا قارشى تۇردى، ئۇ يەنە مۇبارەكنى بىر قانچە مىسىر رەھبىرى مەسىلەن پادىشاھ فەرۇخ، ناسىر، ساداتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، مۇبارەك بۇ كىشىلەر ئارىسىدا مىسىرغا ئەڭ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلگەن كىشى دېدى.
|
------分隔线----------------------------