ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى ‹‹ ئوغلان تور ژۇرنىلى›› خىزمىتى باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئوخشاش مەقسەتتە يېڭىچە تور ژۇرنىلى ئىشلەپ كەڭ سىتۇدىنت ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يېڭى سەھنە ھازىرلىماقچى بولغان ئىزباسار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئىزباسار تور ژۇرنىلى›› نى 2012-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچى بولدۇق.
مەزكۇر ژۇرنال PDF ئېلكىتاب نۇسخىسىدا بىرلا ۋاقىتتا ئوغلان تورى، ئوغلان كۇلۇبى، ئىزباسار تورىدا تەڭ ئېلان قىلىنىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ داۋاملىق يۇقارقى توربەتلەر ئارقىلىق ‹‹ئىزباسار تور ژۇرنىلى›› نىڭ يېڭى خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى نۆۋەتتە ‹‹ ئوغلان تور ژۇرنىلى›› نى ئىشلەش خىزمىتىنى باشلىدى. پىلانىمىزغا ئاساسەن ‹‹ ئوغلان تور ژۇرنىلى›› غا ئوغلان كۇلۇبى كۇلۇبداشلار ئىجادىي ئەسەرلەر سەھىپىسىدىن بىرقەدەر نادىر بولغان ئەسەرلەرنى تاللىماقچى بولغانىدۇق. بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ژۇرنالغا ئەسەر كام بولۇپ قالدى. شۇڭلاشقا مەزكۇر تېما ئارقىلىق كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپ ھالدا بىزگە ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەۋەتىشىنى سورايمىز!
ئەسەر تەلىپى:
1. چوقۇم ئىجادىي ئەسەر بولۇشى لازىم. ئەگەردە باشقىلارنىڭ ئەسىرى بولسا شۇ ئاپتۇرنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بىزگە ئەۋەتىلىشى لازىم.
2. روماندىن باشقا ھەرقانداق ئەسەر شەكلىنى قوبۇل قىلىمىز.
3. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ساغلام بولۇشى لازىم،
ئالاقە ۋاستىسى تۆۋەندىكىچە:
ئېلخەت: oghlanvip@126.com
تېلىفون: 13732257737
QQ: 840945378
ئاخىرىدا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى ئايىماي بىزگە ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! رەھمەت!
ئەسەرنى بىۋاستە ئوغلان كۇلۇبىغا يوللاپ قويۇڭ ۋە ئىزباسار تور ژۇرنىلىغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىڭىزنى ئەسكەرتىڭ ، رەھمەت !
|