ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى ئەزا قوبۇل قىلىدۇ !
ۋاقتى: 02-08-2011 مەنبە: ئوغلان سىتۇدىيسى ئاپتورى: D.A.Oghlan تەھرىر: D.A.Oghlan كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 2 پارچە
2011 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئوغلان سىتۇدىيسى يېڭى تۈركۈمدىكى ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىدۇ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى باشقۇرغۇچىلار كوللىگىيسىنىڭ مۇزاكىرلىشىشى ئارقىلىق شۇنى بىكىتتۇقكى ، 2011 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئوغلان سىتۇدىيسى يېڭى تۈركۈمدىكى ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىدۇ .
خىزمەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە :
1. ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى خاڭجوۋ ۋە ۋۇخەن شەھىرىدىكى تارماق سىتۇدىيە قۇرۇش خىزمىتى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى باشلىنىپ 9 - ئاينىڭ بىشىدا تاماملىنىدۇ .
2. ئەزا قوبۇل قىلىش چاڭچۈن ، خاڭجوۋ ، ۋۇخەن شەھىرىدە تەڭ باشلىنىپ ئوخشاش خىزمەت تەرتىپىدە بىرلا ۋاقىتتا تاماملىنىدۇ .
3. يۇقارقى 3 شەھەردىكى بارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى شۇ شەھەردىكى سىتۇدىيە باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تىزىملاتسا بولىدۇ . ئوغلان سىتۇدىيسىگە نىسبەتەن تولۇق چۈشەنچىسى بولمىغانلار ئوغلان تورى ۋە ئوغلان كۇلۇبىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقسا بولىدۇ . يەنە چۈشەنمىگەن مەزمۇنلار بولسا ئوغلان كۇلۇبىدا بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ .
4. ئوغلان سىتۇدىيسى ئەزالىرى بەلگىلىك خىزمەت تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كىيىن قوبۇل قىلىنىدۇ . بۇ جەرياندا بارلىق تىزىملاتقۇچىلارنىڭ بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ بىرىشىنى سورايمىز .
5. خىزمەت ئىھتىياجى تۈپەيلى ۋاقتىنچە باشقا شەھەرلەردىن سىتۇدىيە ئەزاسى قوبۇل قىلىنمايدۇ . ئەگەر ئوغلان سىتۇدىيسىگە ئەزا بولغۇسى بارلار بولسا ھازىرچە ئوغلان كۇلۇبىدا مۇناسىپ رولىنى جارىي قىلدۇرسا بولىدۇ ، بىز شۇ ئەزانىڭ كىيىنكى ئىپادىسىگە ئاساسەن قارار چىقىرىمىز .
6. ئوغلان سىتۇدىيسىگە ئەزا بولغۇچىلاردىن ھىچقانداق ھەق ئىلىنمايدۇ ، تېخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە ماس ھالدا تەربىيلىنىدۇ . شۇڭا يۇقارقى ئۈچ شەھەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز . تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ۋاقتى كەلگەندە ئۆز مەكتىپىڭىزدىكى تەشۋىقات ئېلانىدىن بىلەلەيىسز .
بۇ خەۋەرنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرگىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز . باشقا قېرىنداشلىرىمىز پايدىلانسا ئەجەب ئەمەس .
يۇقارقى مەزمۇنلار داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ . (باشقا باشقۇرغۇچىلار ئۆز پىكىرىڭلارنى بىۋاستە تەھرىرلەپ قوشۇپ قويۇڭلار)
ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى
2011 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 -كۈنى
|
------分隔线----------------------------