oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan

رەسىـمـلـەر | ئــارامـگـاھ | ئـــەدەبىيات | ساغـلامـلىق | كــومپىيۇتېر | ئـــۇچــۇرلار | خــەۋەرلـــەر | مـــۇنـبـەر | بـــاش بــەت
پـىـسخـىكـا | مــەدەنىيەت | تارىخ ئىلمى | مــەسلىھەت | ئىـگـىلـىـك | جــەمئىيەت | قانۇنچىلىق | ئــاۋازلـىـق | چـولـپـانلار
سەھىـپىـلەر | ئـۇلـىنىـش | دەرىـسـخـانا | چـۈشـۈرۈش | ئــىـزدەش | ئـىزدىنـىـش | پـىكـىرخـانا | تـور دۇكىنى | مـەھـەلـلــە

ئىزدىنىش تور خاتىرىسى | ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى | مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى | تورداشلار زىيارىتى | مەخسۇس سەھىپىلەر | ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى | مەبلەغ سىلىش | بىز كىم
ئۇيغۇرچە خەت بىسىشنى مەشىق قىلامسىز؟ مۇنبەردىكى تېمىلارنى بېزەش رەسىملىرى . ئۆلچەملىك تور ناملىرى بار ، سېتىۋالامسىز ؟ ئۆز مەھەللىڭىزنى قۇرۇپ بىلوگ نەشر قىلىڭ.
ئوغلان تورى مىكروبىلوگى ، ئەگىشىۋىلىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى دەيدىغۇ بېكىتىڭىزنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تېپىڭ . ئوغلان سىتۇدىيسى تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىلدى .

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ل

ۋاقتى: 22-03-2011 مەنبە: خەلق تورى ئاپتورى: ئوغلان تەھرىر: D.A.Oghlan كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە لىۋىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

خەلق گېزىتىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لىۋىيە ۋاقتى 19-چېسلا كەچتە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ھەربىي كېمىلىرى لىۋىيەگە ھەربىي زەربە بەردى. بىر قىسىم دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، ئىختىلاپنى تىنچلىق ۋاسىتىسى بىلەن ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىپ، لىۋىيەگە بولغان ھەربىي مۇداخىلىگە قارشى تۇردى.

  فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 19-چېسلا ھەربىي تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ فىرانسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى لىۋىيەگە تۆت قېتىم ھەربىي زەربە بەردى، دېدى. فىرانسىيەنىڭ دىگول ناملىق ئاۋىياماتكىسى 20-چېسلا لىۋىيەگە بېرىپ ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشتى.

  ئامېرىكا باش شىتابىنىڭ مۇدىرى ۋېليام گېتنى 19-چېسلا بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۆپ دۆلەت ئارمىيەسى لىۋىيەگە قارىتىلغان «ئودىسسا سەھىرى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى باشلىدى، دېدى.

  ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە لىۋىيەگە ھەربىي زەربە بەرگەندىن كېيىن، لىۋىيە رەھبىرى كازافى تېزلا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، لىۋىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشى باشلاندى، دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 51-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، لىۋىيە ئۆزىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق. لىۋىيە ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 20-چېسلا چۈشتىن كېيىنگە قەدەر، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمىدا 64 ئادەم قازا قىلغان. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى، كەلگۈسى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، لىۋىيە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بىر مىليوندىن ئارتۇق قورال تارقىتىپ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرىدۇ.

  فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە لىۋىيەگە ھەربىي زەربە بەرگەندىن كېيىن، ئافرىقا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ لىۋىيەگە ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەربىي مۇداخىلە قىلىشىغا قارشى تۇرغان.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاشىۋىچ 19-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، رۇسىيە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللىغان قارارنى باھانە قىلىپ لىۋىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللانغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. رۇسىيە لىۋىيە چېگراسىدىكى نىشانلارغا قارىقۇيۇق قورال ئىشلىتىشنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 20-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر لىۋىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قورال ئىشلىتىشنى توختىتىپ، ئىختىلاپنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. باياناتتا يەنە ھەرقايسى تەرەپلەر مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا، ب د ت ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرىلدى.

  ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، نيۇيورك، سان فىرانسىسكو، چىكاگو قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، بىر قىسىم جايلاردىكى ئۇرۇشقا قارشى نامايىشلار ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەگە قىلغان ھەربىي زەربىسىگە قارىتىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سەھىپىلەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
D.A.Oghlan تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: بېكەت مەسئۇلى تىزىملاتقان ۋاقتى: 15:03 15-03-2011 كىرگەن ۋاقتى: 11:05 10-05-2012
تەۋسىيەلەر