oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan

رەسىـمـلـەر | ئــارامـگـاھ | ئـــەدەبىيات | ساغـلامـلىق | كــومپىيۇتېر | ئـــۇچــۇرلار | خــەۋەرلـــەر | مـــۇنـبـەر | بـــاش بــەت
پـىـسخـىكـا | مــەدەنىيەت | تارىخ ئىلمى | مــەسلىھەت | ئىـگـىلـىـك | جــەمئىيەت | قانۇنچىلىق | ئــاۋازلـىـق | چـولـپـانلار
سەھىـپىـلەر | ئـۇلـىنىـش | دەرىـسـخـانا | چـۈشـۈرۈش | ئــىـزدەش | ئـىزدىنـىـش | پـىكـىرخـانا | تـور دۇكىنى | مـەھـەلـلــە

ئىزدىنىش تور خاتىرىسى | ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى | مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى | تورداشلار زىيارىتى | مەخسۇس سەھىپىلەر | ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى | مەبلەغ سىلىش | بىز كىم
ئۇيغۇرچە خەت بىسىشنى مەشىق قىلامسىز؟ مۇنبەردىكى تېمىلارنى بېزەش رەسىملىرى . ئۆلچەملىك تور ناملىرى بار ، سېتىۋالامسىز ؟ ئۆز مەھەللىڭىزنى قۇرۇپ بىلوگ نەشر قىلىڭ.
ئوغلان تورى مىكروبىلوگى ، ئەگىشىۋىلىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى دەيدىغۇ بېكىتىڭىزنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تېپىڭ . ئوغلان سىتۇدىيسى تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىلدى .

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > مەسلىھەت >

ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كىرەك ؟

ۋاقتى: 03-07-2011 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى ئاپتورى: D.A.Oghlan تەھرىر: D.A.Oghlan كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
دەرس ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە مۇكەممەللىشىۋاتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كۈنسېرى تەكىتلىنىۋ

دەرس ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە مۇكەممەللىشىۋاتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كۈنسېرى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلاشقان ئوقۇتقۇچىلار ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن، مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

  1. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلالايدىغان پىسىخىك ساپا بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشتە ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشى، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  2. ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىكى نوقۇل ھالدىكى بىلىم يەتكۈزگۈچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرغۇچىغا ئايلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغايدىغان ھەر خىل ئىقتىدار ۋە ئاكتىپ خاراكتېرنىڭ يېتىلدۈرگۈچىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئىزدىنىش، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئاساس سېلىشى كېرەك.

  3. ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلىيەلەيدىغان «ماھىرلار»دىن بولۇشى، بۇرۇنقى قېلىپقا سېلىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتەلمەيدىغان نەزەرىيەچىلەرنى تەربىيەلەشتىن، ھازىرقى دەۋردىكى ئۆزگىرىشكە ئاكتىپ تاقابىل تۇرالايدىغان، كونكرېت ئەھۋالغا كونكرېت لايىھە، تەدبىر قوللىنالايدىغان تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

  4 .دەرسخانا مۇھىتىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى دەرسنى بىر خىل ئۇسۇلدا ئۆتۈۋەرمەستىن، ھەر خىل شەكىلدە ئۆتىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ قانداق مەزمۇنغا قىزىقىدىغانلىقىنى، قانداق بىلىملەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ،« كېسەلگە قارىتا دورا بېرىش»ى، دەرسنى ھەرگىزمۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈنلا ئۆتمەسلىكى كېرەك.

  5 . يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ۋە يېڭى دەرسلىككە يۈزلىنىش، ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن تونۇشۇش ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتتۇر. ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرماي، بۇرۇنقىدەك «ئۆزى سۆزلەپ ئۆزى ئۆگىنىدىغان» ھالەتتە كېتىۋەرسە، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ جانلىق بولۇش، ئوبرازلىق بولۇش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنمەيدۇ. ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئۆز كەسپىنى، ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈشى، سەۋرچان بولۇشى، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماسلىقى، ئۆزىنى داۋاملىق تەربىيەلىشى، ۋەتەنگە، مىللەتكە يۈز كېلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سەھىپىلەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
D.A.Oghlan تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: بېكەت مەسئۇلى تىزىملاتقان ۋاقتى: 15:03 15-03-2011 كىرگەن ۋاقتى: 11:05 10-05-2012
تەۋسىيەلەر