كۈنىمىزدە تۈركىي خەلىقلەر جۈمىلىسىگە 130 غا يېقىن مىللەتنىڭ نامى كىرگۈزۈلمەكتە. نۇپۇس كۆپ ۋە ئۆزگىچە مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان ھەمدە داۋاملىق تۈردە تەرەققىي قىلدۇۋاتقان مىللەتلەر، تۈرك (تۈركىيە تۈركلىرى، 70 مىليوندىن ئارتۇق )، ئازەربايجان (ئەزەربەيجان، ئەزەربەيجان جۇمھورىيىتى ۋە ئىران؛ 30 مىليوندىن ئارتۇق )، ئۆزبېك ( ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، جۇڭگو.شىنجاڭ ... ) 30 مىلىيوندىن ئارتۇق ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، تاتار، قارا قالپاق قاتارلىق كۆپلىگەن تۈركىي قانلىق مىللەتلەر مەۋجۈت. زامانىۋىي دەۋىر دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇگۈنكى 20-، 21- ئەسىردە كۆپلىگەن تۈركىي خەلىقلەردە ئەسلى بار بولغان، ئەجداد- ئاتالارى قوللىنىپ كەلگەن تۈركىي ئاي ناملىرى ياۋرۇپاچە ئاتىلىشلارغا كۆنۈپ قالدى.
ئاي ناملىرىنىڭ بىر قانچە تۈركىي مىللەتلەردە ھازىرىقى ئاتىلىشى:
1- ئاي ئوجاك قاڭتار يانۋار ياكى ئۈچتۈن ئايى غېنۋار |














