oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan

رەسىـمـلـەر | ئــارامـگـاھ | ئـــەدەبىيات | ساغـلامـلىق | كــومپىيۇتېر | ئـــۇچــۇرلار | خــەۋەرلـــەر | مـــۇنـبـەر | بـــاش بــەت
پـىـسخـىكـا | مــەدەنىيەت | تارىخ ئىلمى | مــەسلىھەت | ئىـگـىلـىـك | جــەمئىيەت | قانۇنچىلىق | ئــاۋازلـىـق | چـولـپـانلار
سەھىـپىـلەر | ئـۇلـىنىـش | دەرىـسـخـانا | چـۈشـۈرۈش | ئــىـزدەش | ئـىزدىنـىـش | پـىكـىرخـانا | تـور دۇكىنى | مـەھـەلـلــە

ئىزدىنىش تور خاتىرىسى | ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى | مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى | تورداشلار زىيارىتى | مەخسۇس سەھىپىلەر | ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى | مەبلەغ سىلىش | بىز كىم
ئۇيغۇرچە خەت بىسىشنى مەشىق قىلامسىز؟ مۇنبەردىكى تېمىلارنى بېزەش رەسىملىرى . ئۆلچەملىك تور ناملىرى بار ، سېتىۋالامسىز ؟ ئۆز مەھەللىڭىزنى قۇرۇپ بىلوگ نەشر قىلىڭ.
ئوغلان تورى مىكروبىلوگى ، ئەگىشىۋىلىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى دەيدىغۇ بېكىتىڭىزنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تېپىڭ . ئوغلان سىتۇدىيسى تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىلدى .

جەمئيەتكە نەزەر يېڭىلىقلار تاغدىن-باغدىن
باش بەت

ئوقۇغۇچىنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولسا، مەۋسۇملۇق ئىمتىھ

ۋاقتى: 22-07-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: Xaydayi تەھرىر: xaydayi كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
ئوقۇغۇچىنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولسا، مەۋسۇملۇق ئىمتىھانى كەچۈرۈم قىلىنسا بولامدۇ؟

خاڭجۇ شەھەرلىك مائارىپ پەن تەتقىقات ئورنى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 -يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جاڭ لى مەۋسۇملۇق ئىمتىھانغا قاتناشماسلىق توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغاندا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى سىناش ئۈچۈن مۇنداق سوئال سورىغان: ئەتىگەن مەكتەپكە كەلگەن ۋاقتىڭىزدا دىجورنىلار سىزنى گالىستۇك تاقاشنى ئۇنتۇپ قاپسەن، دەپ توسۇۋالسا قانداق قىلىسىز؟
جاڭ لى بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن تۆت خىل جاۋاب بەرگەن: ئۆيۈم يېقىن بولغاچقا، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەكىلىمەن؛ بىرەرسىنىڭ يان تېلېفونىنى سوراپ ئۆيگە تېلېفون ئۇرۇپ ئۇنى ئەكەلدۈرىمەن؛ مەكتەپ يېنىدىكى دۇكاندىن گالىستۇكتىن بىرنى سېتىۋالىمەن؛ دىجورنىلارغا خاتالىقىمنى تونۇپ، قايتا خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىككە ۋەدە بېرىمەن.
مائارىپ پەن-تەتقىقات ئورنى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۇ خۇاكۇن مۇنداق دېدى: بۇ سوئاللارنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى يوق، سوراشتىكى مەقسەت ئوقۇغۇچىلارنى ئەركىن پىكىر قىلىشقا دەۋەت قىلىش، جاڭ لىنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ قارىشى بويىچە جاۋاب بەرگەن، بۇ ياخشى ئەھۋال.
شۇنداق قىلىپ، بۇ مەكتەپتىكى جاڭ لىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئوقۇغۇچى مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندىن كەچۈرۈم قىلىنغان. مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئېلىنغان كۈنى ئۇلار مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە قاتناشقان.
بۇ مەكتەپ مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق پەنلەردە ئىمتىھان بەرمەسلىكنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
ئىمتىھان بەرمەسلىكنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم ئىكەن: كۈندىلىك تاپشۇرۇقلارنى پاكىز، رەتلىك ئىشلىگەن، «ئەلا» باھالانغان تاپشۇرۇقى %80نى ئىگىلىگەن بولۇش؛ دەرسخانىدا ئەستايىدىل دەرس ئاڭلايدىغان، ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرىدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان بولۇش؛ چارەكلىك ئىمتىھان ۋە باسقۇچلار بويىچە ئېلىنغان سىناقلاردا نەتىجىسى ئەلا بولغان بولۇش.
بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى لو يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: بۇ تۈزۈم ئوقۇغۇچىلارغا، شۇنداقلا، ئاتا-ئانىلارغا ئۆگىنىش نەتىجىسىگىلا ئېسىلىۋالماي، ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى، سەۋرچانلىقى ۋە كەيپىياتىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى «يېتەكلەش سىگنالى» بولۇپ قالدى. بىز بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىدىكى «ئەڭ غەمسىز دەۋر» نى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىمتىھاندىن كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى دەسلەپ يولغا قويغان ۋاقىتتا بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئانچە كۆپ بولمىغان، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارمۇ قاراپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە بولغان. جاڭ لى بۇ تۈزۈمنى ئاپىسىغا دېگەندە ئۇ دەسلەپ قارشى تۇرغان. جاڭ لىنىڭ ساۋاقدىشى سەي يىخەن جاڭ لىنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھانغا قاتناشمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا مەستلىكى كەلگەن. ئۇ «مەن سىنىپتا ئاكتىپ پىكىر قىلمايمەن، شۇڭا ئىمتىھاندىن كەچۈرۈم قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىدىم، كېلەر مەۋسۇمدە چوقۇم بۇ نىشانغا يېتىمەن» دېگەن.
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سەھىپىلەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
xaydayi تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: بېكەت مەسئۇلى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:01 01-01-1970 كىرگەن ۋاقتى: 11:03 03-03-2012
تەۋسىيەلەر