oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan

رەسىـمـلـەر | ئــارامـگـاھ | ئـــەدەبىيات | ساغـلامـلىق | كــومپىيۇتېر | ئـــۇچــۇرلار | خــەۋەرلـــەر | مـــۇنـبـەر | بـــاش بــەت
پـىـسخـىكـا | مــەدەنىيەت | تارىخ ئىلمى | مــەسلىھەت | ئىـگـىلـىـك | جــەمئىيەت | قانۇنچىلىق | ئــاۋازلـىـق | چـولـپـانلار
سەھىـپىـلەر | ئـۇلـىنىـش | دەرىـسـخـانا | چـۈشـۈرۈش | ئــىـزدەش | ئـىزدىنـىـش | پـىكـىرخـانا | تـور دۇكىنى | مـەھـەلـلــە

ئىزدىنىش تور خاتىرىسى | ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى | مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى | تورداشلار زىيارىتى | مەخسۇس سەھىپىلەر | ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى | مەبلەغ سىلىش | بىز كىم
ئۇيغۇرچە خەت بىسىشنى مەشىق قىلامسىز؟ مۇنبەردىكى تېمىلارنى بېزەش رەسىملىرى . ئۆلچەملىك تور ناملىرى بار ، سېتىۋالامسىز ؟ ئۆز مەھەللىڭىزنى قۇرۇپ بىلوگ نەشر قىلىڭ.
ئوغلان تورى مىكروبىلوگى ، ئەگىشىۋىلىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى دەيدىغۇ بېكىتىڭىزنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تېپىڭ . ئوغلان سىتۇدىيسى تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىلدى .

جەمئيەتكە نەزەر يېڭىلىقلار تاغدىن-باغدىن
باش بەت

ئىسلام دىنى ماھىيەتتە تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ

ۋاقتى: 21-07-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: باش بۆرە تەھرىر: D.A.Oghlan كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتى تىنچلىقسۆيەرلىك. (ئاپتور شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى)

ئىسلام دىنى بۇددا دىنى ۋە خىرىستىيان دىنى بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇ ئۇزاق تارىخقا ۋە ئىجابىي تەسىرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشتى ۋە قوشىدۇ. لېكىن ھازىر دۇنيا مىقياسىدا، ئايرىم كىشىلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن بىر قىسىم كىشىلەردە ئىسلام دىنىغا قارىتا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولدى. ئىسلام دىنىنى ئۆچ كۆرىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ۋە ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز كىشىلەر ئىسلام دىنىنى ئالۋاستىلاشتۇرۇشقا، ئىسلام دىنىغا «زوراۋانلىق»، «تېررورلۇق» ۋە «ئېكىستىرمىزم» قالپىقىنى كىيگۈزۈشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقسۆيەر دىن بولۇش ماھىيىتىگە زىت كېلىدۇ.

«ئىسلام» ‐‐ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئىتائەت قىلىش، تىنچ-ئەمىنلىك دېگەن مەنىدە. دىنىي نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىسلام دىنى ئاللاغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇشنى، ئاللانىڭ ئىرادىسىگە ۋە پەرزلىرىگە ئىتائەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار مۇسۇلمان يەنى «تىنچلىقسۆيەر»، «ئىتائەت قىلغۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ. تىنچلىققا ئىنتىلىش ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ساپا. «قۇرئان»دا «ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېيىلگەن. ئىسلام دىنى ئەپۇچانلىق ۋە ساداقەتمەنلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان دىن. «قۇرئان»دا «(ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھ نىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». «(ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر», «كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ» دېيىلگەن. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنى بايراق قىلىۋالغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى بىلەن ئالاقىسىز. تېررورىزمغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس، ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار دەپ قارىلىدۇ. «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تە «ئاللاھ چەكلىگەن جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈش»، «ئادەم ئۆلتۈرۈش» كۇناھى كەبىر، قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك دەپ قارىلىدۇ. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشمۇ قاتىللىققا تەۋە بولۇپ، قاتتىق چەكلىنىدۇ. «قۇرئان»دا «ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر-بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېيىلگەن.

ھازىر خەلقئارادا بەزىلەر ئادەمبومبا ۋە تېررورىزم قالپىقىنى ئىسلام دىنىغا تېڭىۋاتىدۇ، بۇ تولىمۇ ئادالەتسىزلىك. ئادەمبومبا ئۆلىۋېلىش ۋە قاتىللىق قىلمىشى بولۇپ، ئىسلام دىنى قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. شۇڭا بىن لادىن ۋە «11-سىنتەبىر» ۋەقەسىنىڭ ئاساسىي جىنايەتچىلىرى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئەمەس. يەنە بەزىلەر جىھات ئۇقۇمىنى خاتا چۈشىنىپ، جىھادنى ئۇرۇش دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە «جىھاد» سۆزىنىڭ ئەسلىي مەنىسى «كۈچىنىڭ بارىچە»، «كۈرەش» بولۇپ، «ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىش» مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «قۇرئان»دا ئەڭ دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ۋە كۆپ خۇدالىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن « ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى، ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېيىلگەن ھەم «جىھاد» مۇھىم دىنىي مەجبۇرىيەت قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ»، « ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن» دېيىلگەن.

بۇ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئىسلام دىنى تەھدىت ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدۇ، غەرەزلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش، بالايى ئاپەت تېرىش، قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى چەكلەيدۇ، چۈنكى ھېچقانداق ئادەمنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىش ھوقۇقى يوق. تىنچلىق ئىسلام دىنىنىڭ مەڭگۈلۈك چوڭ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى، «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تە تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىنىدۇ، يات دىندىكىلەر ۋە ئاتىزىمچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، كىشىلەرنى تىنچ دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتى تىنچلىقسۆيەرلىك. (ئاپتور شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى)

مەنبە: خەلق گېزىتى

ئادىرىسى : http://uyghur.people.com.cn/155988/11328576.h***l 

ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سەھىپىلەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
باش بۆرە تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 23:07 14-07-2011 كىرگەن ۋاقتى: 19:07 27-07-2011
تەۋسىيەلەر