«ھەقىقىي ئايال» ۋە رېئال تۇرمۇش
ۋاقتى: 15-07-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: D.A.Oghlan تەھرىر: D.A.Oghlan كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشىغۇسى بار ئاياللار ناھايىتى نۇرغۇن، پەقەت ۋۇجۇدىنى تىتما–تالاڭ قىلىدىغان ھېسسىيات–زەنجىر كىشەنلىرى ئۇلار
«ھەقىقىي ئايال» ۋە رېئال تۇرمۇش
شائىرە ئايسىمە ئىدىرىسنىڭ
«ھەقىقىي ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار»
ناملىق شېئىرى ئويغاتقان ھېسلار
ئادالەت ئابدۇرېھىم
ئەرنى رازى قىلىپ ئۆينى ئۆيدەك تۇتۇپ تۇرۇش بۈگۈنكى زامان ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن بېسىملارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر بېسىم. ئاياللار بىر كۈننىڭ ئەڭ ياخشى پەيتلىرىنى سەككىز سائەتلىك ئىش ۋاقتى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىشى كېرەك، بولمىسا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكىنى ئەرلەر يالغۇز كۆتىرىپ بولالمايدۇ. ئاياللار يەنە ئائىلىدە گۈزەل، چېۋەر، پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ ئېرىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىدىن چىقىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشى، ئۆينى پاكىز، رەتلىك تۇتۇپ، تاماقنى ۋاقتى–ۋاقتىدا لەززەتلىك قىلىپ ئېتىشى، گۈزەل تۇرق، لاتاپەتلىك خۇلق–مىجەزى بىلەن ئېرىنى ئۆزىگە باغلاپ تۇرۇشى كېرەك. بولمىسا ئەر ئۆينى تاشلاپ كۆڭلى خۇش بولىدىغان جايلارغا يۈگرەيدۇ. ئۇ چاغدا ئاجرىشىپ كەتسىڭىز بالىڭىز يېتىم بولىدۇ، ئەلەمنى ئىچىڭىزگە يۇتۇپ ئۆيىڭىزنى تۇتسىڭىز يۈرىكىڭىز ئازابتىن قاماپ كېتىدۇ. ئاياللار بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياخشى كېلىن، ياخشى پەرزەنت بولۇشى، پەرزەتلىرىگە ياراملىق تەربىيىچى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، تۈرلۈك باردى–كەلدى، ئادەمگەرچىلىكلەرمۇ ئاياللارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئاياللار خۇددى ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئارام ئالالماي ئۈچ–تۆت ئادەمنى ئۇيان–بۇيان توشۇيدىغان كونا ۋېلىسىپىت. گويا ئۈستىگە شاخ–شۇمبا قالماي بېسىلىپ، تاملىرى سىڭايان بولۇپ قالغان، قۇرت يېگەن ياغاچلىرى سۇنغان، تورۇسلىرى ئۆتمە–تۆشۈك بولۇپ كەتكەن كەپە.
ئايال بولۇش تەبىئەتنىڭ يېرىم دۇنيا ئۈچۈن ئاتالغان جازا لاگېرىغا بەخشەندە بولۇش ئەمەس، بەلكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ نازۇك، لاتاپەت بىلەن بېزەلگەن ئىستەك دۇنياسىغا قەدەم ئېلىشتۇر. ئەرلىك قانچىلىك يۇقىرى شۆھرەتكە، ئىناۋەتكە، مەرتىۋىگە ئىگە بولۇشقا لايىق بولسا، ئاياللىقمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا شۆھرەتكە، ئىناۋەت ۋە مەرتىۋىگە ئىگە بولۇشقا تامامەن ھەقلىق. ئايال بولماق تەس. ئايال بولماقنىڭ تەسلىكى ئاياللارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۇقەددەسلىكىدە. بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە بولۇپ تۇرالىشىدا مەسئۇلىيەت مۇھەببەتتىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئائىلىۋى مۇھەببەت ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىز–يىگىتلەرنىڭ رومانتىك ھېسسىياتىدەك مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ئېغىر–يېنىك يۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئېغىر يۈكلەرنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالالىغان ۋە قىيىنچىلىقلارنى كۆتىرىشكە جۈرئەت قىلالىغاندىلا، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق ۋە مۇقەددەس مۇھەببەتنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. تويدىن بۇرۇنقى ئوتلۇق مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىشتىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى جورىسىنىڭ ئۈستىگىلا يۈكلەپ قويۇپ، ئۆزى تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەشتىن باش تارتقاندا، ئائىلىۋى مۇھەببەت بۆھرانغا دۇچ كېلىدۇ.
ئانا بولۇش زور شەرەپ. بىراق بۇ خىل شەرەپ بىر ئايالنىڭ ئائىلىسى، ئېرى ۋە پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى مىننەتسىز، تەمەسىز ئەجىر–مېھنىتى، شەخسىيەتسىز بەدەللىرى ھېسابىغا رويابقا چىقىدۇ. ئەگەر ئايال «مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا ئادەم، قانۇندا ئەر–ئاياللار باراۋەر، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، شۇڭا ئائىلىدىكى جاپانىمۇ تەڭ تارتىشىمىز كېرەك» دەپ چاپاننى تەتۈر كىيسە، ئۇ قانداقمۇ «ئانا» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ ئىش قىلغان ھېسابلانسۇن؟ ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل مىننەتسىز ئەجىر قىلىشتا، تۆھپە تەلەپ قىلمايدىغان بەدەل تۆلەشتە. بۇ ھەرگىز ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق ئورنىنى ئىنكار قىلىپ ئۇلارنى مۇشەققەتلىك ھايات قوينىغا ئىتتىرىش ئەمەس، بەلكى ئاياللىقنىڭ تەبىئەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلىنى ئىزاھلاشتىنلا ئىبارەت.
|
------分隔线----------------------------