تۈنۈگۈنكى ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، شاھزادە ۋىلىيام بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا يېڭى كىلىنچەكنى ئېلىپ، ھىندى ئوكياندىكى سېيشېل تاقىم ئاراللىرىدىكى بىر مەخپىي ساياھەت رايونىغا شىرىن ئاي ئۆتكۈزگىلى بارىدىكەن. لوندۇن ساقچى نازارىتىدىكى ساقچىلار ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇ ساياھەت رايونىنى تەكشۈردى. لېكىن ھازىرغىچە يېڭى كىلىن كەيتىمۇ كونكىرىت ئورۇننى بىلمەيدىكەن. ئاخبارات ۋاستىلىرى يىرىم يىل پەرەز قىلىش ئارقىلىق دەرۋەقە «شىرىن ئاي جەننىتى» دەپ ئاتالغان بۇ ئارالنى ئويلاپ چىقتى.ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇپ قىسمىدا يېشىل ياقۇتقا ئوخشايدىغان دېڭىز يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان بىر گۈزەل ئارال بولۇپ، شىرىن ئاي ئۆتكۈزۈشكە باپ كېلىدۇ. |














