قارا ئۆڭكۈر دىگەن زادى نىمە؟
ۋاقتى: 29-07-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: Xaydayi تەھرىر: D.A.Oghlan كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 2 پارچە
قارا ئۆڭكۈر دىگەن زادى نىمە؟ تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز يازما تېمىسىنى چىكىپ كۆرۈڭ ...
قۇياش ، ئاي ، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار، ھەيۋەت بىلەن كۆكنى سىپاپ ئۆتىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار ، ئاقار يۇلتۇزلار، ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قويىدىغان پىلانىتلار ...... قەدىمدىن تارتىپ تاكى خېلى يېقىن بىر مەزگىلگىچە بۇ ھەيۋەتلىك ئاسمان جىسىملىرى بىزدىن يىراقلىقى ۋە ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى ئارىسىدىكى پەرىقنىڭ چوڭلۇقى تۈپەيلى كىشىلەرگە ئالەمدىكى ئاسمان جىسىملىرى مەڭگۈ مۇشۇنداق ياكى ئالەم يارىتىلغاندىن كىيىن ئىزچىل مۇشۇنداق ھالەتتە بولۇپ كەلگەندەك تۇيغۇ بېرىپ كەلدى . تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاستىرو فىزىكا ئالىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بىز ئاندىن يۇلتۇزلارنىڭ مەڭگۈ نۇر چېچىۋەرمەيدىغانلىقىنى ، پىلانىتلارنىڭمۇ مەڭگۈ مۇشۇنداق ھالەتتە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق . تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھاياتى دەۋرىگە بولغان تەتقىقات بىزلەرگە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭمۇ شەكىللىنىش ، نۇر چېچىش ، ھالاك بولۇشتىن ئىبارەت بىر تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھالاكىتى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدىغان ئالاھىدە ئاسمان جىسىملىرى ئىچىدە بەلكىم قارا ئۆڭكۈر كىشىلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلسا كېرەك .
بىز ھازىر دەۋاتقان قارا ئۆڭكۈرگە ئوخشاش ئاسمان جىسمىنىڭ مەۋجۇت بولىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەڭ ئاۋال بىشارەت بەرگۈچى ئەنگىلىيە ئالىمى مىچېئىل . بىز بىلىمىز ، راكىتا پەقەت ئەڭ كەم بولغاندىمۇ سىكونىتىغا 11.2كىلومىتىر تىزلىككە ئېگە بولغاندىلا ئاندىن يەر شارى تارتىش كۈچىنىڭ بوغۇشىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ، قۇياش سىستىمىسىدىكى باشقا ئورۇنلارغا يول ئالالايدۇ . بۇ تىزلىك قۇتۇلۇش تىزلىكى دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇ يەر شارىنىڭ ماسسىسى بىلەن رادىئۇسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ ، يەر شارى ماسسىسىنىڭ كىۋادرات يىلتىزىغا ئوڭ تاناسىپ ، يەر شارى رادىئوسىنىڭ كىۋادرات يىلتىزىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ . ئۇنداقتا مەلۇم ئاسمان جىسمىنىڭ ماسسىسى يىتەرلىك چوڭ ، رادىئوسى يىتەرلىك كىچىك بولسا ئۇنىڭ قۇتۇلۇش تىزلىكى نۇر تىزلىكىدىنمۇ چوڭ بولۇپ كېتىپ ، نۇرمۇ ئۇنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمايدىغان ھالەتكە يېتىشى مۇمكىنمۇ ؟ ئېنىقكى مۇنداق يۇلتۇزنى كۆرگىلى بولمايدۇ .
مىچېئىل نىيوتون مىخانىكا فورمۇلىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەينى ۋاقىتتا بىلىدىغان نۇر تىزلىكىگە ئاساسەن قۇياش بىلەن تەڭ ماسسىدىكى ئاسمان جىسمىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىككە ئېگە بولىشى ئۈچۈن ئايلانما ئۇزۇنلىقى 18.5كىلومىتىر بولۇشى كېرەكلىكىنى ( رادىئوسى تەخمىنەن 2.946كىلومىتىر __ ئاپتور ) بولىشى كېرەكلىكىنى ھىساپلاپ چىقتى ۋە بۇ خىل ئاسمان جىسمىغا «يۇشۇرۇن يۇلتۇز » دەپ ئىسىم قويدى .
1976-يىلى فىرانسىيە فىزىكا ئالىمى لاپلاسمۇ « ئالەم تۈزۈلمىسى » دېگەن كىتاپىدا يۇقىرىغا ئوخشاش بىشارەتنى بەردى . ئەپسۇسكى بۇ كىتاپنىڭ 3.نەشرىدە لاپلاس « يۇشۇرن يۇلتۇز » ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتتى . ( ئەينى ۋاقىتتا توماس .ياڭ نۇرنىڭ دىفراكسىيە ھادىسىسىنى بايقاپ ، نۇرنىڭ دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتىنى ئىسپاتلىغانىدى . )
|
------分隔线----------------------------