ئالدىنقى يېرىم يىلدا دېھقانلارنىڭ كىرىمى %13.7 ئاشتى
ۋاقتى: 21-07-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: باش بۆرە تەھرىر: D.A.Oghlan كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ئالدىنقى يېرىم يىلدا دېھقانلارنىڭ كىرىمى %13.7 ئاشتى .
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە چىلگە شالنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ياخشى ئىكەن، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا-ئارقىدىن شال ئورمىسى باشلانغان، مەھسۇلات ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن؛ كۈزلۈك ئاشلىق تېرىلغۇسىنىڭ سۈرئىتى تېز، سۈپىتى، ئۆسۈشى ياخشى بولغان، كۈزلۈك ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى بىر مىليارد 157 مىليون موغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەتتە مىليون مودىن كۆپرەك ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ بازاردىكى تەمىناتى يېتەرلىك، دېھقانلارنىڭ كىرىمى بىر قەدەر تېز ئېشىپ، پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى ياخشى باشقۇرۇش، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تىرەك بولدى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى نەقپۇل كىرىمى 3706 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.4، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە %13.7 ئەمەلىي ئاشقان.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
|
------分隔线----------------------------