oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan

رەسىـمـلـەر | ئــارامـگـاھ | ئـــەدەبىيات | ساغـلامـلىق | كــومپىيۇتېر | ئـــۇچــۇرلار | خــەۋەرلـــەر | مـــۇنـبـەر | بـــاش بــەت
پـىـسخـىكـا | مــەدەنىيەت | تارىخ ئىلمى | مــەسلىھەت | ئىـگـىلـىـك | جــەمئىيەت | قانۇنچىلىق | ئــاۋازلـىـق | چـولـپـانلار
سەھىـپىـلەر | ئـۇلـىنىـش | دەرىـسـخـانا | چـۈشـۈرۈش | ئــىـزدەش | ئـىزدىنـىـش | پـىكـىرخـانا | تـور دۇكىنى | مـەھـەلـلــە

ئىزدىنىش تور خاتىرىسى | ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى | مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى | تورداشلار زىيارىتى | مەخسۇس سەھىپىلەر | ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى | مەبلەغ سىلىش | بىز كىم
ئۇيغۇرچە خەت بىسىشنى مەشىق قىلامسىز؟ مۇنبەردىكى تېمىلارنى بېزەش رەسىملىرى . ئۆلچەملىك تور ناملىرى بار ، سېتىۋالامسىز ؟ ئۆز مەھەللىڭىزنى قۇرۇپ بىلوگ نەشر قىلىڭ.
ئوغلان تورى مىكروبىلوگى ، ئەگىشىۋىلىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى دەيدىغۇ بېكىتىڭىزنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تېپىڭ . ئوغلان سىتۇدىيسى تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىلدى .

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئىگىلىك >

ئاياللار ئىقتىساد باشقۇرۇشتا نىشا

ۋاقتى: 19-05-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: D.A.Oghlan تەھرىر: D.A.Oghlan كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
ئاياللار ئىقتىساد باشقۇرۇشتا نىشاننى ئېنىق بەلگىلىۋېلىشى كېرەك

ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئاياللار ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىنى باشقۇرىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئائىلە بايلىقىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاياللار ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئورۇنغا ئۆتمەكتە. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشنىڭ بىر قانچە ئەپچىل چارىسىغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ.

1. مەبلەغنى ئىلمىي تەقسىملەپ، قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ. كىرىمىڭىز بىر قەدەر يۇقىرى قوش مائاشلىق ئائىلىدىن بولسىڭىز، ھەدىسىلا چوڭ ئۆيگە كۆچۈشنى، ئېسىل پىكاپ سېتىۋېلىشنى، چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشنى، تۇرمۇشتىن ئامال بار ھۇزورلىنىشنىلا ئويلىماڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، باھاسى چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا، ئەزالىق كېنىشكىسى بارلارغا قارىتىلغان ئانچە-مۇنچە نەپ بېرىش پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەڭ. بۇنداق قىلسىڭىز چىقىمنى تېجەيمەن دەيسىز-يۇ، ئەمەلىيەتتە قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىپ، ئالغان نەرسىلەر ئىشلىتىلمەي ئۆيدە بېسىلىپ تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ نەق پۇلنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھېسابات قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئايلىق چىقىمىدا قايسىسى زۆرۈر، قايسىسى ئالسىمۇ-ئالمىسىمۇ بولىدۇ، قايسىسى قارىغۇلارچە ئىستېمالغا تەۋە، دېگەنلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىڭ، قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىشنى قەتئىي توختىتىڭ. «پۇل مۇئامىلە ساھەسى» تور بېكىتىنىڭ يېقىندىكى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئىستېمالدا ئالدىغا كېتىش، خەجلىگىنى تاپقىنىدىن كۆپ بولۇش نۇرغۇن ئايالنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئىكەن. ھېساباتنى خاتىرىلەش ئادىتى ئاياللارنىڭ «ئىستېمال قىزغىنلىقى»نى پەسەيتەلەيدىكەن. ئەقىللىق ئاياللار ھېسابات دەپتىرىگە قاراپلا، قايسى پۇلنى ئورۇنلۇق خەجلىگەنلىكىنى، قايسى پۇلنى كاللىسى قىزىپ قالغاندا بۇزۇپ–چېچىۋەتكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدىكەن–دە، شۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان بولىدىكەن. ئاياللار ئىقتىساد باشقۇرۇشتا نىشاننى ئېنىق بەلگىلىۋېلىشى كېرەك. ھازىرقى زامان ئاياللىرى ھەر قايسى باسقۇچلاردا قانداق نىشانغا يېتىدىغانلىقىنى، مەسىلەن: قانداق چاغدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، ئۆينى يېڭىلايدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا قانچىلىك پۇل تەييارلايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى لازىم. نىشان ئېنىق بولغاندا ئاندىن نىشانغا يېتىدىغان قەدەم–باسقۇچلارنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە: شەھەر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ خاراكتېرى، خىزمەت ئەھۋالى ھەم يېشى قاتارلىقلارغا قاراپ ئىشەنچلىك ئىقتىساد باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىغا مۇۋاپىق نىسبەتتە مەبلەغ سېلىشى، شۇنداقلا بۇ نىسبەتنى ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

2.ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىز، ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىزنىڭ مەلۇم خىل كەسىپ ياكى ساھەگە مەبلەغ سالغىنىنى كۆرۈپلا ئۇلارغا ئەگىشىپ قارىغۇلارچە مەبلەغ سالماڭ، چۈنكى بەش بارماق ئوخشىمىغىنىدەك، سىز بىلەن باشقىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ئوخشىمايدۇ، مەبلەغ سېلىشقا توغرا كەلسە ئائىلىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغىنىغا مەبلەغ سېلىڭ. مۇقىم سېلىنمىلىق قەرەللىك فوند بىلەن «ئاياللار ساغلاملىقى سۇغۇرتىسى» ئاياللارغا ماس كېلىدۇ. مۇقىم سېلىنمىلىق قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سالغاندا، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ داۋالغۇشىدىن پەيدا بولىدىغان چوڭراق خەتەرلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ پۇل خەجلىگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغانلارنى «قەرەللىك پۇل ئامانەت قويۇش»قا مەجبۇرلىيالايدۇ. شۇڭا بۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئىقتىساد باشقۇرۇشتىكى ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتنىشىشمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ياخشى چارە.

3.ناۋادا مەبلىغىڭىز يېتىشكۈدەك بولسا، سودا خاراكتېرلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ سېلىڭ. بۇنداق قىلىسڭىز پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزدىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە: ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا بەش ياشتىن سەككىز ياشقىچە ئۇزاق بولىدىكەن. شۇڭا ئاياللار ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە داۋالىنىشتا دۇچ كېلىدىغان خەتەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

 

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سەھىپىلەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
D.A.Oghlan تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: بېكەت مەسئۇلى تىزىملاتقان ۋاقتى: 15:03 15-03-2011 كىرگەن ۋاقتى: 11:05 10-05-2012
تەۋسىيەلەر