oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan

رەسىـمـلـەر | ئــارامـگـاھ | ئـــەدەبىيات | ساغـلامـلىق | كــومپىيۇتېر | ئـــۇچــۇرلار | خــەۋەرلـــەر | مـــۇنـبـەر | بـــاش بــەت
پـىـسخـىكـا | مــەدەنىيەت | تارىخ ئىلمى | مــەسلىھەت | ئىـگـىلـىـك | جــەمئىيەت | قانۇنچىلىق | ئــاۋازلـىـق | چـولـپـانلار
سەھىـپىـلەر | ئـۇلـىنىـش | دەرىـسـخـانا | چـۈشـۈرۈش | ئــىـزدەش | ئـىزدىنـىـش | پـىكـىرخـانا | تـور دۇكىنى | مـەھـەلـلــە

ئىزدىنىش تور خاتىرىسى | ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى | مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى | تورداشلار زىيارىتى | مەخسۇس سەھىپىلەر | ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى | مەبلەغ سىلىش | بىز كىم
ئۇيغۇرچە خەت بىسىشنى مەشىق قىلامسىز؟ مۇنبەردىكى تېمىلارنى بېزەش رەسىملىرى . ئۆلچەملىك تور ناملىرى بار ، سېتىۋالامسىز ؟ ئۆز مەھەللىڭىزنى قۇرۇپ بىلوگ نەشر قىلىڭ.
ئوغلان تورى مىكروبىلوگى ، ئەگىشىۋىلىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى دەيدىغۇ بېكىتىڭىزنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تېپىڭ . ئوغلان سىتۇدىيسى تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىلدى .

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ساغلاملىق >

تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش

ۋاقتى: 22-07-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: Xaydayi تەھرىر: xaydayi كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 2 پارچە
تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش

1. دەرھال چاي ئىچىشكە بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن دەرھال چاي ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى سۇيۇلۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ. چايدىكى تاننىن كىسلاتاسى يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىلنى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان قاتتىق ماددىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاسانلا قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا زەھەرلىك ماددىلار ۋە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ئادەم بەدىنىنىڭ سۈمۈرۈۋېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا تاماقتىن كېيىن، دەرھال چاي ئىچىشكە بولمايدۇ، قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

2. تاماقتىن كېيىن دەرھال تاماكا چېكىشكە بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى كۈچىيىپ، قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ. بۇ چاغدا تاماكا چەككەندە، ئادەم بەدىنىنىڭ تاماكىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈۋېلىشى ئەڭ كۆپ بولىدۇ.
3. دەرھال سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشكە بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئاشقازان، ئۈچىيى ئىسسىق ۋە سوغۇققا سەزگۈر كېلىدۇ، تاماقتىن كېيىن دەرھال سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە، ئاشقازاننىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ياكى ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
4. دەرھال مېۋە-چىۋە يېيىشكە بولمايدۇ. مېۋە - چىۋە تەركىبىدە قەنت تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، ئۇنى ئىنچىكە ئۈچەي سۈمۈرۈۋالىدۇ، بىراق، تاماقتىن كېيىن ئۇلار ئىنچىكە ئۈچەيگە كىرمەي، ئاشقازاندا تۇرۇپ قالىدۇ، چۈنكى يېمەكلىكلەر ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، بىر-ئىككى سائەتلىك ھەزىم قىلىش جەريانى بولىدۇ، ئەگەر مېۋە - چىۋىلەر ئاشقازاندا بەك ئۇزاق تۇرۇپ قالسا، ئاددىي قەنتلەر ئېچىيدۇ، بۇنىڭ بىلەن قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ياكى ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. دەرھال چىش چوتكىلاشقا بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن دەرھال چىش چوتكىلىغاندا، چىشتىكى بوشاپ قالغان ئېمال ماددىسى زەخىملىنىدۇ.
6. دەرھال يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ. يۇيۇنغاندا قان بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىگە يىغىلىۋېلىپ، ئاشقازان، ئۈچەيگە بارىدىغان قان ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش فونكسىيەسى تۆۋەنلەيدۇ؛ ناۋادا ھەمىشە تاماقتىن كېيىن يۇيۇنغاندا، ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىدا يۈرەك مۇجۇپ ئاغرىش ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ياغ ماددىسى يۇقىرىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ خەتەرلىك. شۇڭا، تاماقتىن كېيىن بىر - ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يۇيۇنسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
7. دەرھال سەيلە قىلىشقا بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن كۆپ مىقداردىكى قان ھەزىم قىلىش يولىغا يىغىلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى نىسپىي ھالدا ئازىيىپ، يېنىك دەرىجىدە كەم قانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇ كەلگەندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا سەيلە قىلغاندا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردا ئاسانلا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. تاماقتىن كېيىن دەرھال سەيلە قىلىش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا نىسبەتەن، ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، پۇت - قوللار ئۇيۇشۇش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ھەزىم قىلىش يولى جاراھەتلەنگەن ۋە ئاشقازان تۆۋەنلەپ كەتكەن ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت تىنچ ئولتۇرۇپ، ئاندىن سەيلە قىلىش كېرەك.
ياخشىكەن
(15)
93.8%
ناچاركەن
(1)
6.2%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سەھىپىلەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
xaydayi تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: بېكەت مەسئۇلى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:01 01-01-1970 كىرگەن ۋاقتى: 11:03 03-03-2012
تەۋسىيەلەر