oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan

رەسىـمـلـەر | ئــارامـگـاھ | ئـــەدەبىيات | ساغـلامـلىق | كــومپىيۇتېر | ئـــۇچــۇرلار | خــەۋەرلـــەر | مـــۇنـبـەر | بـــاش بــەت
پـىـسخـىكـا | مــەدەنىيەت | تارىخ ئىلمى | مــەسلىھەت | ئىـگـىلـىـك | جــەمئىيەت | قانۇنچىلىق | ئــاۋازلـىـق | چـولـپـانلار
سەھىـپىـلەر | ئـۇلـىنىـش | دەرىـسـخـانا | چـۈشـۈرۈش | ئــىـزدەش | ئـىزدىنـىـش | پـىكـىرخـانا | تـور دۇكىنى | مـەھـەلـلــە

ئىزدىنىش تور خاتىرىسى | ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى | مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى | تورداشلار زىيارىتى | مەخسۇس سەھىپىلەر | ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى | مەبلەغ سىلىش | بىز كىم
ئۇيغۇرچە خەت بىسىشنى مەشىق قىلامسىز؟ مۇنبەردىكى تېمىلارنى بېزەش رەسىملىرى . ئۆلچەملىك تور ناملىرى بار ، سېتىۋالامسىز ؟ ئۆز مەھەللىڭىزنى قۇرۇپ بىلوگ نەشر قىلىڭ.
ئوغلان تورى مىكروبىلوگى ، ئەگىشىۋىلىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى دەيدىغۇ بېكىتىڭىزنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تېپىڭ . ئوغلان سىتۇدىيسى تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىلدى .

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ساغلاملىق >

ئاچچىقلىنىش--ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇس

ۋاقتى: 14-04-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: xaydayi تەھرىر: xaydayi كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
ئاچچىقلىنىش ،يىغلاش

ئاچچىقلىنىش--ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى


ھازىرقى جەمئىيەتتە ، ئەرلەر ناھايىتى قالتىس ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى نۇرغۇن ھارغىنلىق ئىچىدە كۈن كەچۇرۋاتىدۇ . يېقىندا <<لوس ئانجىلىس گېزىتى>>نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئامىرىكىدا ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش مۇمكىنچىلىقى ئاياللارنىڭ 4 ھەسسىسى ئىكەن ، بۇلارنىڭ ئارسىدىكى پەقەت يېرىمدەك ساندىكى ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى (抑郁症) دەپ دىئاگنوز قويۇلغان .بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋالغىلى بولىدۇكى ، كۆپلىگەن ئەرلەر خامۇشلۇق كېسەلىكى بولسىمۇ لېكىن خامۇشلۇق كېسىلىنڭ قايغۇرۇش ، روھىي جەھەتتىن قورقۇش ، بىئارام بولۇش دەك كېسەللىك ئىپادىلىرى كۆرۈلمەيدۇ ، شۇڭلاشقا قالغان يېرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويماق تەس توختاپ قالغان .
ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا ، ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىپادىلرى : ھاراق ئىچىش ، قوپاللىق قىلىش ، زەھەرلىك چىكىملىك چېكىش ، قاتناش ۋاسىتلىرىنى (مەسىلەن ماشىنا ، موتوسىكىلىت ...) يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدەش، باشبالتاقچىلىق قىلىش ، تەڭ تۇرۇش لاردىن ئىبارەت . ئۇلار ئايال خامۇشلۇق كېسەللىكى بىمارلىرىغا ئوخشاش ئوزىدىن گۇمانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەسىتىن ، بەلكى باشقىلارنى بوزەك قىلىش ، قورقىتىش ، خاتالىقلارنى ئەترەپتىكى كىشىلەرگە دۆڭگەپ قويۇشدەك ئىشلارنى قىلىدۇ . كۆپلىگەن ئەرلەرنى ئېلىپ ئېيتقاندا ئاچچىقلىنىش ئىچكى روھىي دۇنياسىدىكى ئازابنى يوشۇرۇشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ ، بۇ خىل ئىپادە ئارقىلىق باشقىلارنى كونتىرول قىلىشنى ، باشقىلارنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا ياشىماسلىقتەك روھىي خائىشىنى ، ئارزۇسىنى ئەتراپتىكىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان . ئامېرىكا بوستون شەھىرىدىكى مەكىرىن دوختۇرخانىسىنڭ ئەرلەر بۆلۈمى مەركىزىدىكى روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخخەسىسى ۋىللىيام مۇنداق دىگەن : ئاچچىقلىنىش ----ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى .

مەسىلەن: بىر ئادەتتىكى ئىشچى ، ئۇناھايىتى تىرىشىپ ئىشلەيدىكەن ، خىزمەتنى دائىم نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملايدىكەن . لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس قىلىشىچە ئۇ خىزمەتتە ناھايىتى ئالدىراقسانلىق ھەم چېچىلاڭغۇ ئىكەن . خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزئارا كوت -كوت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلىرىنى پاراڭلىشىشىدىن ناھايىتى بىزار ئىكەن . ھەر كۈنى كەچتە ، غەرق مەس بولۇپ قايتىپ كېلىدىكەن . ئۇ قىزلارنىڭ ھەم دوستلىرىنىڭ ئالدىدا غەلىتە ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىقرار ئىكەن . ئۇنىڭ يەنە ئاشقازان ھەم تېرە تاشما كېسىلى بار ئىكەن . ئۇ مۇنداق ئويلايدىكەن : ئەگەر ئەرلەر كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى بەكلا ئىپادىلەپ كەتسە ، ناھايىتى ئوسال بولىدۇ ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلى ھەددىدىن زىيادە يېرىم بولۇش غالجىرلاشقان بىلەن ئانچە پەرقى يوق . ھازىرقى جەمئىيەتتە ، كۆز يېشى بىلەن ھورۇنلۇق ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرزى ، ئەرلەرنىڭ نەزىردە خامۇشلۇق نازۇكلۇققا ، يارامسىزلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ . بۇندا ق بولسا ئەركەكلىك سۈپىتى بولمايدۇ . ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلىق بولىدۇ ...ۋەھاكازالار...

شۇڭلاشقا بەزى روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى خامۇشلۇقنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قايتىدىن بەلگىلەشنى تەۋسىيە قىلماقتا . ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى: زىيادە كۆرەڭلەش ھەم چوڭ سۆزلەش ، يالغۇز قالغاندا كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاش ، يۇقىرى سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەش ، بىھۇدە خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە يۈزلەنگەندە تىرناقتەك ئىشلارغا ئاچچىقلىنىش ، ...قاتارلىقلارنى قوشۇشنى ئويلاشماقتا . بەزى ئۇتۇق قازانغان ئەرلەر ، مەسىلەن:سىياسىيونلار ، تەنتەربىيە چولپانلىرى ، كارخانا خوجايىنلىرى ...ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئالامەتلەر بارلىقىنى ئىقرار قىلغان .

ياخشىكەن
(4)
80%
ناچاركەن
(1)
20%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سەھىپىلەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
xaydayi تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: بېكەت مەسئۇلى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:01 01-01-1970 كىرگەن ۋاقتى: 11:03 03-03-2012
تەۋسىيەلەر