ئۆيدە نۇمۇر بۇراپ تورغا چىقىدىغان تورداشلار كومپىيۇتېرنى تورغا ئۇلىيالمىغاندا كاشىلىنىڭ قەيەردە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلەلمەي جىلە بولىدۇ. مىكروسوفتنىڭ Whndows XP مەشغۇلات سېستىمىسى تەمىنىلىگەن تورغا ئۇلاش يۇمشاق دىتالىدا كاشىلىنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى تەمىنىلەنگەن بولۇپ ،سېستىما چىقىرىپ بەرگەن خاتالىق ئۇچۇرى ئارقىلىق كاشىلا كۆرۈلگەن ئورۇننى تاپقىلى بولىدۇ. خاتالىق ئۇچۇرى 602 دىن 629 غىچە سېستىمىنىڭ تورغا ئۇلاش پروگراممىسدىن چاتاق چىققاندا يۇقىرىدىكى خاتالىقلار كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئەھۋالدا تورغا ئۇلاش پروگراممىسىنى قايتا تەڭشەپ باقساق ياكى تورغا ئۇلاش يۇمشاق دىتالىنى ئۆچۈرىۋىتىپ قايتا قاچىلىساق بولىدۇ. خاتالىق ئۇچۇرى :630 . ADSL MODEM دا ئىنكاس يوق. سەۋەبى:MODEMغا ئۇلىنىدىغان تېلىفۇن سىمى ئۈزۈلگەن. MODEM دا توك يوق،ياكى MODEMبۇزۇلغان. ھەل قىلىش ئۇسۇلى :يۇقارقى مەسىلىلەرنى ئوبدانراق تەكشۈرۈپ بېقىڭ. خاتالىق ئۇچۇرى:631 بۇ كاشىلا كۆپىنچە تورغا ئۇلاش يۇمشاق دىتالىنى قاچىلاشتا خاتالىق بولغاندا كۆرۈلىدۇ. ھەل قىلىش ئۇسۇلى :قايتا قاچىلاڭ خاتالىق ئۇچۇرى:638 ISP مۇلازىمېتىرىغا ئۇلىنالمىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى :سەل ساقلاپ بېقىڭ خاتالىق ئۇچۇرى:645 تور كارتىسىنىڭ كاشىلىسى ،كارتا بۇزۇلغان ياكى قوزغىتىش پروگراممىسى توغرا قاچىلانمىغان. ھەل قىلىش ئۇسۇلى :تور كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ. ياكى قوزغىتىش پروگراممىسىنى توغرا قاچىلاڭ. خاتالىق ئۇچۇرى:650 كومپىيۇتېر ISP مۇلازىمېتىرىغا ئۇلىنالمىغان، تور كارتىسى بۇزۇلغان.ياكى كومپىيۇتېرنىڭ تورغا ئۇلاش كېلىشمىدىن خاتالىق كۆرۈلگەن. ھەل قىلىش ئۇسۇلى :ئاۋال MODEMنىڭ چىرىقىغا قاراپ بېقىپ، MODEM نورمال بولسا كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ باقسىڭىز ئوڭشىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدا ئوڭشالمىسا كاشىلىنى تور كارتىسىدىن ئىزدەڭ. خاتالىق ئۇچۇرى:676 تېلىفۇن سىمىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى :سىمنىڭ يالىڭاچلىنىپ قالغان،يەرگە تىگىشىپ قالغان،ئۆزئارا قىسقا تۇتىشىش بولۇپ قالغان جايلىرىغا قاراپ بېقىڭ خاتالىق ئۇچۇرى:678 بۇ خاتالىق ناھايىتى كۆپ كۆرىلىدۇ. ھەم كاشىلىنىڭ سەۋەپلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.ئاساسلىقى ،كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ تور كارتىسىدىن چىققان تور سىمىدىن تىلگىراف شىركىتىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەلۇم جايدا سىم ئۈزۈلگەن.MODEM دا توك يوق، ھەل قىلىش ئۇسۇلى :ئاۋال MODEM نى تەكشۈرۈپ، مەسىلە بولمىسا تېلىفۇندا سىگىنال بارمۇ يوق قاراپ بېقىڭ.تېلىفۇندىمۇ سىگىنال بولمىسا خەۋەرلىشىش شىركىتىگە تېلىفۇن قىلىڭ. خاتالىق ئۇچۇرى:679 تور كارتىسى توختىتىۋىتىلگەن. ھەل قىلىش ئۇسۇلى :تور كارتىسىنى قوزغىتىپ تورنى قايتا ئۇلاڭ خاتالىق ئۇچۇرى:691 ADSLنىڭ مەخپى نۇمۇرى خاتا كىرگۈزۈلگەن.ياكى خەۋەرلىشىش شىركىتى تەرىپىدىن توختىتىۋىتىلگەن. خاتالىق ئۇچۇرى:718 ISP مۇلازىمېتىرىدا كاشىلا كۆرۈلگەن. ھەل قىلىش ئۇسۇلى :سەل ساقلاپ بېقىڭ خاتالىق ئۇچۇرى:720 تورنى ئۇلاش كېلىشىمدە مەسىلە كۆرۈلگەن . ھەل قىلىش ئۇسۇلى :ئاسانراقى -سېستىمىنى قايتا قاچىلاڭ خاتالىق ئۇچۇرى:734 تورنى ئۇلاش كېلىشىمىدە مەسىلە بار.ياكى خاتا مەشغۇلات تۈپەيلىدىن كومپىيۇتېرنى مەجبۇرى ئۈچۈرگەندە بۇ خىل خاتالىق چىقىدۇ. |














