oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan

رەسىـمـلـەر | ئــارامـگـاھ | ئـــەدەبىيات | ساغـلامـلىق | كــومپىيۇتېر | ئـــۇچــۇرلار | خــەۋەرلـــەر | مـــۇنـبـەر | بـــاش بــەت
پـىـسخـىكـا | مــەدەنىيەت | تارىخ ئىلمى | مــەسلىھەت | ئىـگـىلـىـك | جــەمئىيەت | قانۇنچىلىق | ئــاۋازلـىـق | چـولـپـانلار
سەھىـپىـلەر | ئـۇلـىنىـش | دەرىـسـخـانا | چـۈشـۈرۈش | ئــىـزدەش | ئـىزدىنـىـش | پـىكـىرخـانا | تـور دۇكىنى | مـەھـەلـلــە

ئىزدىنىش تور خاتىرىسى | ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى | مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى | تورداشلار زىيارىتى | مەخسۇس سەھىپىلەر | ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى | مەبلەغ سىلىش | بىز كىم
ئۇيغۇرچە خەت بىسىشنى مەشىق قىلامسىز؟ مۇنبەردىكى تېمىلارنى بېزەش رەسىملىرى . ئۆلچەملىك تور ناملىرى بار ، سېتىۋالامسىز ؟ ئۆز مەھەللىڭىزنى قۇرۇپ بىلوگ نەشر قىلىڭ.
ئوغلان تورى مىكروبىلوگى ، ئەگىشىۋىلىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى دەيدىغۇ بېكىتىڭىزنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تېپىڭ . ئوغلان سىتۇدىيسى تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىلدى .

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > كومپىيوتېر >

يېڭى ئوبراز ۋەكىلى تور بېكەتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى

ۋاقتى: 03-07-2011 مەنبە: ئاپتورى: بۆرە تەھرىر: xaydayi كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 1 پارچە
ئوبراز ،ۋەكىل

چولپانلار بىلەن ئېلان ۋاكالەتچىلىك كېلىشىمى تۈزگەن شىركەتلەرنى تولا كۆرۈپ، ئاڭلاپ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى، ئەمما كارتون ئوبرازىنى ئېلان ۋاكالەتچىسى قىلىپ تاللاش ئاز ئۇچرايدۇ. تۈنۈگۈن، دۆلەت ئىچىدىكى كوللىكتىپ سېتىۋېلىش تورى مەنزو (满座网) ئون مىليون مەبلەغ ئاجرىتىپ ياپونىيە كارتون ئوبرازى «دولا ئېمو» (哆啦A梦)نى ئۆزىنىڭ ئېلان ۋاكالەتچىسى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق، شۇكۈنى مەنزو تورىدا نامەلۇم كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئىشلەتكۈچىلەر تىزىملىنىپ كىرگەندە «بەتتە خاتالىق كۆرۈلدى» دېگەن ئۇچۇر چىقىۋالدى، بىر مەھەل بۇنىڭ داۋراڭ سېلىش ياكى قەستەن ھۇجۇم قىلىش ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار قىزىپ كەتتى.

مەنزو تورىنىڭ CEO سى فېڭ شىياۋخەي (冯晓海) زىيارەت جەريانىدا، نۆۋەتتە مەنزو تورىنىڭ تىزىملاتقان ئابۇنتىنىڭ 8 مىليون 500 مىڭ ئادەمدىن ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەقلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ %80 تىن ئاشىدىغانلىقى، ئىشلەتكۈچىلەر ئىستىمالىدىكى ئوتتۇرىچە زاكاس سوممىسىنىڭ 67 يۈەن، بىر ئىشلەتكۈچىگە تەۋسىيە قىلىش تەننەرخنىڭ 5.4 يۈەن بولۇپ، «مەلۇم پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ كوللىكتىپ سېتىۋىلىش كەسپىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېرىشىش تەننەرخى 4.5 دوللاردىن كۆپ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى» ئاشكارىلىغان. تېخى يېقىندا رېن رېن تورىنىڭ CEOسى چېن يىجوۋ (陈一舟) تەھلىلچىلەر يىغىنىدا ئۆتكەن يىلى قول ئاستىدىكى كوللىكتىپ سېتىۋىلىش تورىغا جەمئىي 9 مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقىنى، جەمئىي 2 مىليون ھەقلىق ئەزا ۋە 4 مىليون تىزىملاتقان ئەزاغا ئىگە بولغانلىقىنى، ھەقلىق ئەزاغا ئېرىشىش تەننەرخىنىڭ 4.5 دوللار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، كەسپتىكىلەر فېڭ شىياۋخەي دەل رىقابەتچسى بولغان نومى (糯米) تورىنى مازاق قىلىۋاتىدۇ دەپ قارىغان.

دەل مەنزو تورىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى داۋاملىشىۋاتقاندا، مۇخبىرلار مەنزو تورىغا نورمال كىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان، بەزى سەھىپىلەرمۇ ئېچىلمىغان، تاكى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەردىلا ئاندىن نورمالللاشقان.

مەنزو تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى، بېكەتكە كىرەلمەسلىك شىركەتنىڭ زاكاس زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ داۋراڭ سېلىش ئەمەس دېگەن. مەنزو تورىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، كاشىلا كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەبنىڭ، شۇكۈنى ئوبراز ۋەكىلى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تور بېكەتنىڭ زىيارەت مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، مۇلازىمىتېرغا بولغان بېسىمنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىكىدىن بولغانلىقى ئېنىقلىنىپ، رىقابەتچىلىرىنىڭ قەستەن ھۇجۇم قىلغانلىق ئېھتىماللىقى چەتكە قېقىلغان.

مەنبەسى :تېڭشۈن تورى

ياخشىكەن
(7)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سەھىپىلەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
بۆرە تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 20:07 03-07-2011 كىرگەن ۋاقتى: 20:07 03-07-2011
تەۋسىيەلەر