oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan

رەسىـمـلـەر | ئــارامـگـاھ | ئـــەدەبىيات | ساغـلامـلىق | كــومپىيۇتېر | ئـــۇچــۇرلار | خــەۋەرلـــەر | مـــۇنـبـەر | بـــاش بــەت
پـىـسخـىكـا | مــەدەنىيەت | تارىخ ئىلمى | مــەسلىھەت | ئىـگـىلـىـك | جــەمئىيەت | قانۇنچىلىق | ئــاۋازلـىـق | چـولـپـانلار
سەھىـپىـلەر | ئـۇلـىنىـش | دەرىـسـخـانا | چـۈشـۈرۈش | ئــىـزدەش | ئـىزدىنـىـش | پـىكـىرخـانا | تـور دۇكىنى | مـەھـەلـلــە

ئىزدىنىش تور خاتىرىسى | ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى | مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى | تورداشلار زىيارىتى | مەخسۇس سەھىپىلەر | ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى | مەبلەغ سىلىش | بىز كىم
ئۇيغۇرچە خەت بىسىشنى مەشىق قىلامسىز؟ مۇنبەردىكى تېمىلارنى بېزەش رەسىملىرى . ئۆلچەملىك تور ناملىرى بار ، سېتىۋالامسىز ؟ ئۆز مەھەللىڭىزنى قۇرۇپ بىلوگ نەشر قىلىڭ.
ئوغلان تورى مىكروبىلوگى ، ئەگىشىۋىلىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى دەيدىغۇ بېكىتىڭىزنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تېپىڭ . ئوغلان سىتۇدىيسى تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىلدى .

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > كومپىيوتېر >

قارا مېھمان ICANN نىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولدى

ۋاقتى: 29-04-2011 مەنبە: نۇر خەۋەرلىرى ئاپتورى: شەيدايى تەھرىر: xaydayi كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 0 پارچە
قارا مېھمان ICANN نىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولدى

شىنخۇا تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرى، خەلقئارا ئالاقە تور نامى ۋە رەقەملىك نومۇر ئادرېسىنى ئانالىز قىلىش ئورگىنى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ICANN دەپ ئېلىنىدۇ) مۇشۇ ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى دۇنياغا مەشھۇر قارا مېھمان جەف.ماس (Jeff Moss) نى مەزكۇر ئورگاننىڭ باش بىخەتەرلىككە مەسئۇل ئەمەلدارى قىلىپ تەيىنلىدى.
جەف.ماسنىڭ تور نامى «Dark Tangent» بولۇپ، ئۇ قارا قالپاق (Black Hat) بىلەن DefCon كومپيۇتېر بىخەتەرلىك يېغىنىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ مۇشۇ بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا خىزمەت باشلايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇنۋانى ICANN نىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى ھەمدە باش بىخەتەرلىككە مەسئۇل ئەمەلدار ئىكەن.
ICANN نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رود.بېكىسچروم (Rod Beckstrom) مۇنداق دېدى:« ئالاقە تورى ئابونتلىرى يۈزلىنىۋاتقان تەھدىتنى ھەمدە ھەمدە ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى  ھېچكىم جەف.ماستەك چۈشەنمەيدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئىچكى بىلىملەرگە ئىگە، بۇلارغا پەقەت ئىزچىل تېرىشقاندىلا ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ».
جەف.ماسنىڭ قارا مېھمانلىق ھاياتىغا 20 يىل بولغان،  ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ Secure Computing Corporation ۋە Ernst & Young نىڭ كەسپىي مۇلازىمەت بىخەتەرلىك بۆلۈملىرىدە خىزمەت قىلغان. ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت زېمىنى خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى مەسلىھەت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى.
جەف.ماس مۇنداق دېدى:« مەن تېخنىكىلىرىمنى ICANN غا يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن». ئۇنىڭ ئيېتىشىچە، ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى پۈتۈن يەرشارى ئالاقە تورى ئادرېسى سىستېمسىىنى ماسلاستۇرۇش ئىكەن. دېمەك، بۇ ئۇنىڭ DNS ھۇجۇمىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغانلىقىدىن، پۈتۈن يەرشارىدىكى 2 مىليارد تور ئاممىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن دېرەك ېبرىدىكەن.
ۋېزىرىڭ.سىچۇرام (Visiting Strom) بۇلتۇر جەف. ماس بىلەن بىرلىكتە قارا قالپاق يېغىنىدا بىر مۇھىم ئالاقە ئۆزگەرتىشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ ساختا تور بېكەتلەردىن پايدىلىنىپ ئابونتلارغا ۋىرۇس چۈشۈرگۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاشكارىلىۋېتىش قىلمىشقا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى. بۇ تۈرنىڭ نامى «DNS بىخەتەرلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى» بولۇپ، ئۇنى ICANN، تور بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت شىركىتى VeriSign ۋە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ھەمكارلىشىپ روياپقا چىقارغانىدى. ئۇ ئارقىلىق تور بېكەتلەرگە شىفىرلاشتۇرۇش ID سىنى تەمىنلىگىلى ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىكەن. بۇ تۈرنىڭ ماھىيىتى بولسا ھەر بىر تور بېكەتكە بىر مەخپىي گۇۋاھنامە قوشۇش ئىكەن.
DNS بولسا يەرشارى ئالاقە تورى ئادرېسىنى ئىلتىماس قىلىش ئورگىنى بولۇپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ ئۆز ئارا ئۇلىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئەنگلىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، Information Society Alliance شىركىتىنىڭ باش لېدىرى مېلىن.ھاي (Merlin Hay) مۇنداق دېدى:«  ئالاقە تورى DNS نىڭ بىخەتەرلىكىگە كېلىۋاتقان تەھدىت ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان رەقەملەشكەن سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىدىن ئىبارەت. بۇ جەڭدە غالىب كېلىش ئۈچۈن جەف.ماستەك قارا مېھمانلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى چۈشىنىدىغان ھەمدە خەلقئارالىق تەجرىبىلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى تور ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىمىز».

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سەھىپىلەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
xaydayi تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: بېكەت مەسئۇلى تىزىملاتقان ۋاقتى: 08:01 01-01-1970 كىرگەن ۋاقتى: 11:03 03-03-2012
تەۋسىيەلەر