oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan oghlan

رەسىـمـلـەر | ئــارامـگـاھ | ئـــەدەبىيات | ساغـلامـلىق | كــومپىيۇتېر | ئـــۇچــۇرلار | خــەۋەرلـــەر | مـــۇنـبـەر | بـــاش بــەت
پـىـسخـىكـا | مــەدەنىيەت | تارىخ ئىلمى | مــەسلىھەت | ئىـگـىلـىـك | جــەمئىيەت | قانۇنچىلىق | ئــاۋازلـىـق | چـولـپـانلار
سەھىـپىـلەر | ئـۇلـىنىـش | دەرىـسـخـانا | چـۈشـۈرۈش | ئــىـزدەش | ئـىزدىنـىـش | پـىكـىرخـانا | تـور دۇكىنى | مـەھـەلـلــە

ئىزدىنىش تور خاتىرىسى | ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسى | مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى | تورداشلار زىيارىتى | مەخسۇس سەھىپىلەر | ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى | مەبلەغ سىلىش | بىز كىم
ئۇيغۇرچە خەت بىسىشنى مەشىق قىلامسىز؟ مۇنبەردىكى تېمىلارنى بېزەش رەسىملىرى . ئۆلچەملىك تور ناملىرى بار ، سېتىۋالامسىز ؟ ئۆز مەھەللىڭىزنى قۇرۇپ بىلوگ نەشر قىلىڭ.
ئوغلان تورى مىكروبىلوگى ، ئەگىشىۋىلىڭ ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى دەيدىغۇ بېكىتىڭىزنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تېپىڭ . ئوغلان سىتۇدىيسى تاۋباۋ دۇكىنى ئېچىلدى .

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدەبىيات >

رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ۋە ئۇيغۇر تۇ

ۋاقتى: 30-03-2011 مەنبە: خەلق تورى ئاپتورى: ئوغلان تەھرىر: xaydayi كۆرۈلۈشى: قېتىم ئىنكاس: 1 پارچە
- « كۆڭۈلدىكى سۆز - رادىل ئابلا بىلەن يۈزمۇ يۈز » نى كۆرۈپئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇش پەلسەپىسى
- « كۆڭۈلدىكى سۆز - رادىل ئابلا بىلەن يۈزمۇ يۈز » نى كۆرۈپئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئستانسىسى «كۆڭۈلدىكى سۆز » پروگراممىسى تەشكىللىگەن «رادىل ئابلا بىلەن يۈزمۇيۈز» سۆھبەت نومۇرىنى تەكرار ۋە ئەستايىدىل كۆردۈم. رىياسەتچى ئۈمىد غەنىنىڭ سۆھبەت ئاخىرىدا ئېيتقان:«ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەنلەر، يۇقىرىدا كۆردۈڭلار ۋە ئاڭلىدىڭلار، رادىل ئابلا ‹قىيىنچىلىق دېمەك مېنىڭ بايلىقىم دېمەكتۇر› دەپ قارىغان. ئىشىنىمەنكى، بۇ سۆھبەت سورۇنىمىزدىكى شۇنداقلا، ئىكران ئالدىدىكى قېرىنداشلارنىڭ قىيىنچىلىقى رادىل ئابلانىڭكىدىن ئاز ئەمەس. كۆرگىنىڭلارغا رەھمەت، خەير – خوش، كېلەر ساندا كۆرۈشەيلى!» دېگەن يەكۈن سۆزىنى گويا بىر نۇسرەت مەشئىلى بىلىپ سۆيدۈم.
ئەمسىچۇ؟ بۇ دۇنيادا كىمنىڭ قىيىنچىلىقى يوق؟ ھەممە ئادەمنىڭ قىيىنچىلىقى بار. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئالەمدە قىيىنچىلىقى يوق ئىنسان يوقتۇر. ئەمما، «‹قىيىنچىلىق دېمەك بايلىق دېمەكتۇر› ، يەنى ‹مېنىڭ قىيىنچىلىقىم بار› دېگەن گەپ ‹مېنىڭ بايلىقىم بار› دېگەن بولىدۇ» دېگەننى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ئەھمىيەتلىك يېرى، بۇ سۆز قۇرۇق گەپ قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىر ساپساپچى ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەر بىر قەدىمىدە بىر ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ مېڭىۋاتقان بىر ئەمەلىيەتچى سەردار ئىنساننىڭ ئېغىزىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇ قەلبىمنى لەرزىگە سالدى، كۆڭلۈمنى قايىللىق تۇيغۇسى بىلەن ئۆزىگە رام قىلىپ ئالدى.
مەن رادىل ئابلاغا چىن پۈتتۈم. ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇغان سەمىمىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان « قىيىنچىلىق = بايلىق (قىيىنچىلىق باراۋەر بايلىق)» دېگەن تەپەككۇر جەۋھىرىنى شەرتلىك ھالدا، «رادىل ئابلا تەڭلىمىسى» دەپ ئاتىدىم ۋە بۇ تەڭلىمىنى يېشىپ، ئەمەلىي ھەرىكەتلىك جاۋابىم بىلەن، رادىل ئابلاغا جۆر بولۇشقا ناياب ئۆمرۈمنى ئاتىدىم!
رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ماتىماتىك تەڭلىمىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پەلسەپىلىك تەڭلىمىدۇر. شۇڭا بۇ تەڭلىمىنى يېشىش ئۈچۈن، ئېلىش – قوشۇش ئەمىلىنى بىلىشتىن باشقا، تەڭلىمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئامىللارنى ئوبدان ۋە توغرا تونۇش مەرىپىتى بولۇش كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «قىيىنچىلىق = بايلىق» تەڭلىمىسىنى يېشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن «قىيىنچىلىق» قانداق ئەھۋالدا، ئاندىن «بايلىق»قا باراۋەر بولىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. رادىل ئابلانىڭ ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، گويا بۇ تەڭلىمىنىڭ يېشىمىنى ئىمالىق ئىزاھلاپ كۆرسىتىشىگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا، قىيىنچىلىق بايلىققا باراۋەر بولىدۇ:
1- ئاڭ جەھەتتىن قىيىنچىلىقنى توغرا تونۇش. قىيىنچىلىق دېگەن زادى نېمە؟ باشتىن ئېيتساق، قىيىنچىلىق دېگەن تەۋەللۇتتىكى ئانىنىڭ تۇنجى ئىنجىقى؛ بۇدرۇق بۆۋەكنىڭ تۇنجى قەدىمىكى، ئانىنىڭ ئىنجىقى بولمىسا، ئانا ئىنجىقلاشقا جۈرئەت قىلمىسا، ۋەلەد (پەرزەنت) تەۋەللۇت بولمىغان (تۇغۇلمىغان) بولاتتى، ھاياتتىكى داۋامەتلىك بولمىغان بولاتتى؛ بوۋاق تۇنجى قەدەمگە جۈرئەت قىلمىغان بولسا، مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇش نېسىۋىسىدىن بەھرىلىنىپ، راھەت ياشىمىغان بولاتتى. مۇندىن چىقتىكى، قىيىنچىلىق ھەر قانداق ئىنسان ھەر قانداق ئىشتا دۇچ كېلىدىغان تەبىئىي ئۆتكەل ۋە زۆرۈر پەللە. يەنىمۇ ئېچىپ ئېيتقاندا، قىيىنچىلىق ئىنساننىڭ دۈشمىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھى، سەپەردىشى – يولدىشى، خالاس! روشەنكى، ئاڭ جەھەتتىن قىيىنچىلىقنى توغرا تونۇش ، دۇرۇس ئاڭقىرىش بولسا، مەزكۇر « قىيىنچىلىق = بايلىق» تەڭلىمىسىنى يېشىشتە، ئاساسنىڭ ئاساسىدۇر.

ياخشىكەن
(13)
92.9%
ناچاركەن
(1)
7.1%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
سەھىپىلەر
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
D.A.Oghlan تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: بېكەت مەسئۇلى تىزىملاتقان ۋاقتى: 15:03 15-03-2011 كىرگەن ۋاقتى: 11:05 10-05-2012
تەۋسىيەلەر